گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرېدرىخ مېرز ناتودا «ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم شېرىكى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنداق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. ئۇ X سۇپىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئورتاق بىر نىشانىمىز بار: ئۇ بولسىمۇ، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىغا ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەك» دېدى.
مېرز يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ھازىرچە «Tomahawk» چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى گېرمانىيەگە ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ چىقىرىلىشىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنى تەنقىد قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
مېرزنىڭ بۇ سۆزلىرى ۋاشىنگتون بىلەن بېرلىن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكلەر كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. مېرز يېقىندا ئامېرىكانى ئىران ئۇرۇشىدا بىر «چېكىنىش ئىستراتېگىيەسى»دىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ، دەپ تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا سۆھبەتلەر داۋامىدا ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىران رېجىمى تەرىپىدىن «كەمسىتىلگەنلىكى»نى ئېيتقانىدى.
مېرز ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسى ARD غا بەرگەن باياناتىدا، «ئامېرىكالىقلارنىڭ نۆۋەتتە ئۆزلىرىگە يەتكۈدەك قورالى يوق. ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ بۇ خىل قورال سىستېمىلىرىنى تەمىنلەش ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا» دېگەنىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، شەنبە كۈنى فلورىدادا سۆز قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋابەن «ساننى زور دەرىجىدە ئازايتىمىز، 5000 دىن كۆپرەك ئادەمنى قىسقارتىمىز» دېدى.

.jpg?width=720&format=webp&quality=80)



.jpg?width=128&format=webp&quality=80)











