خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
CNN: ئىران ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەم دېگەندە 16 بازىسى زىيانغا ئۇچرىدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەم دېگەندە 16 بازىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
CNN: ئىران ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەم دېگەندە 16 بازىسى زىيانغا ئۇچرىدى
شاھزادە سۇلتان ھاۋا بازىسىدا بۇزۇلغان بىر ئا ق ش E-3 رادار ئايروپىلانى / Reuters

ئامېرىكانىڭ «CNN» قانىلىنىڭ نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈشى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بەردى.

«CNN» نىڭ سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى، زىيان مۆلچەرلەش دوكلاتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە پارس قولتۇقى مەنبەلىرىگە ئاساسلانغان خەۋىرىدە، 28-فېۋرالدىن بۇيان ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كەم دېگەندە 16 بازىسىنىڭ تۈرلۈك دەرىجىلەردە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئىپادىلەندى. خەۋەردە زىيانغا ئۇچرىغان بەزى جايلارنىڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ۋە بەزى ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكى قەيت قىلىنىپ، ئىران ھۇجۇملىرىنىڭ ئاساسلىقى رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىلغار رادار سىستېمىلىرى، ئالاقە ئۇل ئەسلىھەلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە مۈلۈكلىرى ۋە ئايروپىلانلارغا مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەلۇم قىلىنغان زىيانلار ئارىسىدا ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا «THAAD» باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارېيەسىگە باغلانغان رادار سىستېمىلىرى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بەزى ئەسلىھەلەردىكى رادار سىستېمىلىرى ئورۇن ئالدى. «CNN» شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلىنغان ئىران ھۇجۇمى جەريانىدا بىر ئامېرىكا «Boeing E-3 Sentry» ئايروپىلانىنىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پېنتاگون ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن ھەپتە قۇرۇلتايدا بەرگەن ئىسپات سۆزلىرىدە، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ  چىقىمىنىڭ 25 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. بىراق «CNN» ۋە «CBS News» غا ئوخشاش مەنبەلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئامېرىكا تاراتقۇ ئورگانلىرى ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ كەم دېگەندە 50 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 

ئىزدىنىڭ
ئامازون: بەھرەين ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بۇلۇت رايونلىرىمىز ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىدى
غەززەگە ياردەم بېرىش فىلوتىدىكى 18 تۈركىيە پۇقراسى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر راھىبە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە فىلوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنى «دېڭىز قاراقچىلىقى ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى
ئوپېكنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن 7 مۇھىم پەيتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى
پېنتاگون باشلىقى ئىران ئۇرۇشى ھەققىدە تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ
ئامېرىكا كۆچمەن بالىلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
كوسوۋودا پارلامېنت پىرېزېدېنتنى سايلىيالمىدى، ئۈچىنچى قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى
ترامپ ياردەمچىلىرىگە ئىرانغا قاراتقان قامالنى ئۇزارتىشقا تەييارلىق قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى «مەڭگۈلۈك تىنچلىق»قا ئايلاندۇرۇشقا چاقىرىلدى
نېفىت باھاسى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان قامالنى ئۇزارتىش پىلانى سەۋەبىدىن ئۇدا ئۆرلىمەكتە
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى
نېتانياھۇنىڭ پاراخورلۇق دېلوسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش سوتى يەنە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
ياۋروپا ئىران ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئۈزۈلۈشلەر تۈپەيلدىن ئېنېرگىيەگە 32 مىليارد دوللار ئارتۇق پۇل ئىشلەتتى
مايكروسوفت ئىسرائىلىيەنىڭ جاي ناملىرىنى ئۆچۈرۈپ، غەربىي قىرغاقنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلىدى