ئۆتكەن ھەپتە، ئىران قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى 48 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان تۆت ئاپتوموبىلىنى ئىرانغا ئەۋەتكەن ئىدى.
خەلقئارا قىزىل كىرىست ۋە قىزىل ئاي جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى (IFRC)، تۈركىيەدىن ئىرانغا يېتىپ بارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرا ھالقىغان تېببىي بۇيۇم ياردىمىدىن كېيىن، ئىرانغا قوشۇمچە ياردەملەرنى ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جەنۋەدە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن IFRC نىڭ باياناتچىسى تومماسو دېللا لۇڭگا، ياردەم ئەترىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئەنقەرەدىن يولغا چىقىپ، يەكشەنبە كۈنى ئىرانغا كىرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ توقۇنۇش باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرا ھالقىغان تېببىي بۇيۇم ئەۋەتىش ياردەم خىزمەتلىرى بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى بىلەن ماسلاشقان ھالدا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن بۇ ياردەمدە، جىددىي ئەھۋاللاردا تېز سۈرئەتتە ھاياتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىك زەخىملىنىشكە قارشى زاپچاسلار بار.
دېللا لۇڭگا ئىرانغا قارىتىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم لىنىيەلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاقساپ قالغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرقىدىن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دېللا لۇڭگا: «بۇ تۇنجى يەتكۈزۈشتىن سىرت، بىز بۇنىڭ ئىرانغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم يېتىپ بېرىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. ئۇ يەنە: «كېيىنكى ياردەملەر ئۈچۈن پىلانلىرىمىز بار، شۇڭا بۇ يەر مۇھىم بىر ياردەم كارىدورىغا ئايلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى كېيىنكى قەدەمدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئەنئەنىۋى لىنىيەلەرنىڭ قاچان ھەقىقىي ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز» دېدى.
دېللا لۇڭگا بۇ مەشغۇلاتنى «ئىران قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىنىڭ ھاياتنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن تاشلانغان ھالقىلىق تۇنجى قەدەم» دەپ سۈپەتلىدى.
باياناتچى يەنە، ئالاھىدە ساغلاملىق ۋە پىسخىكىلىق ياردەم ساھەلىرىدە زور ياردەمگە ئېھتىياج بارلىقىنى، IFRC نىڭ داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان 5 مىليون كىشىگە ھايات قۇتقۇزۇش ياردەملىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن جىددىي ياردەم چاقىرىقىنىڭ سوممىسىنى 153 مىليون دوللاردىن ئاشۇرغانلىقىنى، ئەمما يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى، ئىران قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىرانغا 48 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان تۆت ئاپتوموبىل ئەۋەتكەن ئىدى.










