ۋىيېتنامنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى، بىر تەرەپتىن سودا جەھەتتىكى بېقىندىلىق، رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىسلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى نىشان» دەپ سۈپەتلىمەكتە.
ۋىيېتنام پىرېزىدېنتى تو لام سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى (يەنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنى) ۋىيېتنامنىڭ كۈچلۈك قوشنىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتتى. بۇ قەدەم ھانوي ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بىر تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە تاشلاندى.
خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى رەھبەر خەلق سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋە بىر يۈرۈش ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان. ئەمما كېلىشىملەرنىڭ تەپسىلاتى تېخىچە ئاشكارىلانمىدى.
ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر، ئېھتىياتچان تەڭپۇڭلۇق
بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆپ قېتىم «ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى نىشان» دەپ ئاتىغان تو لام، تەمىنلەش زەنجىرى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىقتىسادىي پىلانلاش ساھەلىرىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلدى. «خەلق گېزىتى» (People’s Daily) دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە تو لام، سودا مىقدارىنى كېڭەيتىشتىنمۇ بەكرەك، ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ يېقىنلىشىش ۋىيېتنام يۈرگۈزۈۋاتقان سەزگۈر تەڭپۇڭلۇق سىياسىتىنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ئامېرىكا ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، خىتاي ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ئەھۋال ھانوينى ھەر ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماقتا.
سودىنىڭ جانلىنىشى ۋە تەڭپۇڭسىزلىق
خىتاي بىلەن ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئاللىبۇرۇن ناھايىتى چوڭقۇرلاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋىيېتنامغا قىلغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلى %22 تىن ئارتۇق ئاشقان ئىدى. ھانوي تەخمىنەن 200 مىليارد دوللارلىق مال ئىمپورت قىلغان. ئەمما ۋىيېتنامنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا قىزىل رەقىمى 100 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئۆزئارا ھوقۇق تالاش تارتىشلىىرغا قارىماي، ئىككى تەرەپ يۇقىرى پەللىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى خاراكتېرلىك داۋالغۇشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشماقتا.
ئۇرۇشنىڭ تەسىرى دىپلوماتىيەگە شەكىل بەرمەكتە
بۇ زىيارەت يەنە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك گېئوپولىتىكىلىق مالىمانچىلىق مەزگىلىگە توغرا كەلدى. خىتاي ۋە ۋىيېتنام، داۋاملىشىۋاتقان ئىران توقۇنۇشى سەۋەبىدىن توشۇش ئىشلىرى ئاقساپ قالغان ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت ئەۋەتىش ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە تايىنىدۇ.
تو لام ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ماسلىشىش بىلەن مۇقىملىق ئىزدەۋاتقان باشقا دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە بۇ ھەپتە بېيجىڭنى زىيارەت قىلغانلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.







