يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئېچىشنى ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى، يادرو سۆھبىتىنى بولسا كېيىنكى باسقۇچقا قالدۇرۇشنى تەكلىپ قىلغان. «Axios» خەۋەر تورى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئىران يادرو پىلانى مەسىلىسىدە دىپلوماتىك تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەكلىپ پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يەتكۈزۈلگەن.
مەسىلىگە يېقىن مەنبەلەر، بۇ پىلاننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، قورشاۋنى بىكار قىلىش ۋە دېڭىز قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەركەزلەشكەن تېخىمۇ تېز بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى نىشانلىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەزكۇر تەكلىپكە كۆرە، ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزۇن بىر مەزگىلگە ئۇزارتىلىدۇ ياكى دائىمىي ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ؛ يادرو سۆھبىتى بولسا، پەقەت بوغۇز قايتا ئېچىلغاندىن ۋە چەكلىمىلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن باشلىنىدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى ۋە سۆھبەتتىن خەۋەردار مەنبەلەر، ئاقساراينىڭ بۇ تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەمما بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىش-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى بىر ئىشارەت بەرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ دۈشەنبە كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك مىللىي بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن «ۋەزىيەت ئۆيى»دە يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى تۇيۇق ۋەزىيەت ۋە تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە.
ترامپ: «ئەگەر سىزدە زور مىقداردا نېفىت بولسا، بۇ لىنىيە تاقالسا، ئۇ ئىچىدىن پارتلايدۇ» دەپ، ئىراننىڭ ئىچكى بېسىمغا دۇچ كېلىشتىن بۇرۇن پەقەت «تەخمىنەن ئۈچ كۈن» ۋاقتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ھەپتە ئاخىرىدا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار كۈچەيدى؛ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بوغۇز مەسىلىسىگە دائىر سۆھبەت دائىرىسىدە پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد ۋە ئوماننىڭ مەسقەت شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولدى. ئاراقچى دۈشەنبە كۈنى سەھەردە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئالىي دەرىجىلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن سانت پېتېربۇرگقا يېتىپ كەلدى.
ئاقساراي باياناتچىسى ئولىۋىيە ۋالېس مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ ئىنتايىن سەزگۈر دىپلوماتىك سۆھبەتتۇر. قارتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قولىدا» دېدى.
ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 11-12-ئاپرېل كۈنلىرى ئىسلامئابادتا سۆھبەت ئېلىپ بارغان، ئەمما توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلالماي قالغانىدى. مەزكۇر مۇزاكىرىلەر پاكىستاندا 8-ئاپرېل كۈنى ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، بۇ مۇددەت كېيىن ترامپ تەرىپىدىن ئۇزارتىلغانىدى.
يېڭى بىر باسقۇچلۇق سۆھبەتنى باشلاش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىختىلاپ نۇقتىلىرىنىڭ بېشىدا ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران پورتلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورشاۋى ۋە ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئورۇن ئالماقتا.














