ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ئىراننىڭ پۇل-مۇئامىلە ياكى نېفىت سودا تورلىرىغا ۋاسىتىچىلىك قىلىپ، ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق شەخسلەر ۋە پاراخوتلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ نېفىتنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان پۇل-مۇئامىلە بېسىمىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئىران پورتلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان دېڭىز قورشاۋىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېسسېنت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خارگ ئارىلىدىكى نېفىت ساقلاش ئامبارلىرى لىق تولىدۇ ۋە ئىراننىڭ سەزگۈر نېفىت قۇدۇقلىرى تاقىلىدۇ. ئىراننىڭ دېڭىز سودىسىنى چەكلەش ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەلىرىنى بىۋاسىتە نىشان قىلماقتا» دېدى.
بېسسېنت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىراننىڭ كىرىم قىلىش، پۇل يۆتكەش ۋە مەبلەغلەرنى دۆلەتكە قايتۇرۇپ كېلىش ئىقتىدارىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە، «ئەڭ يۇقىرى بېسىم» دەپ ئاتالغان پىلاننى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مىنىستىر يەنە مۇنداق دەپ يازدى: «يوشۇرۇن سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە يوللىرى ئارقىلىق ئىرانغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ھەرقانداق شەخس ياكى پاراخوت ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. بىز چىرىكلەشكەن رەھبەرلەر تەرىپىدىن ئوغرىلانغان مەبلەغلەرنى ئىران خەلقى نامىدىن داۋاملىق توڭلىتىپ قويىمىز.»
سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە داۋالغۇشلۇق ھەلەتتنى باشتىن كەچۈردى؛ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ۋاشىنگتون دېڭىز قورشاۋىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ترامپ ئىراننىڭ «ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىش» ئۈچۈن ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاق ھالەتتە تۇتۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ترامپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئىران ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ؛ ئۇلار بوغۇزنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى، شۇ ئارقىلىق كۈنىگە 500 مىليون دوللار كىرىم قىلىشنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ تاقىۋېتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىشى پەقەت مەن بۇ يەرنى پۈتۈنلەي قورشاۋ ئاستىغا ئالغانلىقىم ئۈچۈندۇر، شۇڭا ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ <ئابرۇيىنى ساقلاپ قېلىش> نىلا ئويلايدۇ.»
ترامپ سۆھبەتكە مۇرەسسەچىلىك قىلىۋاتقان پاكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنەئەن، تېھراننىڭ «بىرلەشمە تەكلىپ» تەييارلىشىغا پۇرسەت بېرىش مەقسىتىدە، ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پاكىستان 8-ئاپرېل كۈنى مۇرەسسەچىلىك ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن، 11-12-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى؛ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋاشىنگتون ۋاقتى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئاخىرلىشىدۇ، دەپ بېكىتىلگەن ئىدى.
ھەم يېڭى بىر سۆھبەت باسقۇچى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلەنمەكتە، ھەمدە دېڭىز قاتنىشى يولىنى قايتىدىن ئېچىش مەسىلىسىدىكى سىياسىي مۈجمەللىكمۇ داۋاملاشماقتا.







