جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
سۆھبەتتە تۈركىيە-ئىراق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يېڭى دەۋردە تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ۋە قاتناش ساھەلىرىدە ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ زور ئىككىنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس، ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدىنى ئەتراپلىق مەسلىھەتلىشىشلەردە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى.



















