ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپادىكى قۇش زۇكىمى تۈركىيە تۇخۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى
پولشا ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋەيرانچىلىقى رايوندىكى تەمىناتنى تارايتتى ۋە تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتىنى تېزلەتتى.
ياۋروپادىكى قۇش زۇكىمى تۈركىيە تۇخۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى
ياۋروپادىكى قۇش زۇكىمى تۈركىيە تۇخۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى

ئەگە ئېكسپورتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە يانۋار ۋە ماي ئايلىرىدا 92 مىڭ 494 توننا تۇخۇم ئېكسپورت قىلىپ، 240 مىليون 79 مىڭ دوللار كىرىم قىلدى.

بۇ ساھەنىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى 47 مىليون 577 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن ئىراق بولغان بولسا، يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئېشىش ياۋروپا بازىرىدا مەيدانغا كەلدى.

ئۆتكەن يىلنىڭ يانۋار-ماي ئېيى مەزگىلىدە 2 مىليون 204 مىڭ دوللارلىق ئىتالىيەگە تۇخۇم ئېكسپورت قىلىش مىقدارى، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 24 مىليون 773 مىڭ دوللارغا ئۆرلىدى. ئىتالىيەگە ئەۋەتىلگەن تۇخۇم مىقدارى 1.2 مىڭ توننىدىن 13.2 مىڭ توننىغا چىقتى. شۇنداق قىلىپ، ئىتالىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت قىممەت جەھەتتىن %1024، ۋە مىقدار جەھەتتىن بولسا  %1000 ئاشقان بولدى.

ياۋروپانىڭ تۇخۇم بازىسى تۈركىيەگە يۈزلەندى

ياۋروپانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تۇخۇم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پولشادا قۇش زۇكىمى مەنبەلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەيرانچىلىقى، دۆلەتنىڭ سىرتتىن سېتىۋېلىش مىقدارىنى ئاشۇردى.

ئۆتكەن يىلنىڭ دەسلەپكى 5 ئېيىدا تۈركىيەدىن 109 مىڭ دوللارلىق تۇخۇم سېتىۋالغان پولشانىڭ ئىمپورتى، بۇ يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە 19 مىليون 681 مىڭ دوللارغا كۆتۈرۈلدى.پولشاغا ئەۋەتىلگەن تۇخۇم مىقدارى 15 توننىدىن 11 مىڭ توننىغا يەتتى.

ئىزمىر تۇخۇم ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نەرىمان دەرە چاتماداش، تۈركىيەنىڭ يىللىق 20 مىليارد ئەتراپىدا تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاتماداش تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى 10 نىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %25 كە يېقىن قىسمىنى ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان تۇخۇملارنىڭ ئىنتايىن سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

چاتماداش، تۈرك ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا يەم-خەشەك ۋە ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە جىددىي تەجرىبىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ ساھەنىڭ خام ئەشيا سۈپىتى ۋە ھايۋان سالامەتلىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تۈركىيە تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە 9- ۋە ياۋروپا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى