سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم تۈزۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، پەقەت ھەربىي بېسىم ۋە جازانى كۈچەيتىش ئارقىلىق تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
نېتانياھۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
نېتانياھۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېھران ھاكىمىيىتىگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازالىرىنى مەدھىيەلەپ، ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىرېزىدېنت سارىيى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېتانياھۇ تۈنۈگۈن كەچتە بىر پائالىيەتتە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئىران بىلەن بولغان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىتا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. نېتانياھۇ 28-ئىيۇل كۈنى ئاقسارايدا ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆرۈشۈشىنى تىلغا ئېلىپ، ئۈچ خىل ئېھتىماللىق ئۈستىدە توختالغان. ئۇ بىرىنچى ئېھتىماللىقنىڭ كېلىشىم ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىران تەرەپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ترامپقا ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككىنچى ئېھتىماللىقنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن نېتانياھۇ: «بىز ئۆزىمىزنى قوغدايمىز، ئىراننىڭ بىزگە ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويمايمىز. ئەگەر بىزگە ھۇجۇم قىلسا، ئۇلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە ئۈچىنچى ئېھتىماللىقنىڭ ئىرانغا قارىتا «قورشاۋنى كۈچەيتىش» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ترامپنىڭ تېھران ھاكىمىيىتىگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازالىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

نېتانياھۇ ئاخىرىدا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قانۇنسىز 104 ئولتۇراق رايون ۋە 160 دېھقانچىلىق مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ماختاپ: «بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئالدىنقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، بىر قىسمى ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلدى» دېگەن.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى