ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق دەۋرى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ھاۋاناغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتكە رۇخسەت بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ، ئارال دۆلىتىنى «مەغلۇپ بولغان دۆلەت» دەپ ئاتىدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى «كۇبا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» نى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كارىب دېڭىزى ئارال دۆلىتىگە قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش پۇرسىتىنى «چوقۇم كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتتى.
پەيشەنبە كۈنى Salem News Channel قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن بىر ھەربىي ئارىلىشىشقا رۇخسەت بېرىپ-بەرمەيدىغانلىقى سورالغاندا ترامپ: «خىزمىتىمدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى كۇبا مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى خالايمەن» دېدى.
مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن ترامپ: «ۋەزىيەتنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئۇ يەردە ئەھۋال بەك ناچارلىشىپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ دۆلەت پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى» دېدى.
ئاتا-ئانىسى كۇبالىق بولغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونى ماختىغان ترامپ، ئۇنىڭمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى «بەك خالايدىغانلىقىنى» بايان قىلىپ: «بۇنى خەلق ئۈچۈن، يەنى بۇ يەرگە كەلگەندە كۆپ قەبىھ مۇئامىلىلەرگە دۇچ كېلىپ كېيىن ئامېرىكاغا پاناھلانغان كۇبالىقلار ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دەپ تەكىتلىدى.
«مەغلۇپ بولغان دۆلەت»
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ترامپنىڭ 2-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقى دەۋرىدە كۇباغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتتى.
ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا كۇبانى «مەغلۇپ بولغان دۆلەت» دەپ باھالىغان ھەمدە «كۇباغا ئەركىنلىك كېلىدۇ» دېگەن، بۇنىڭ بىلەن كۇبا ۋەكىللەر ئۆمىكى زالدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ئامېرىكا يۈرگۈزگەن نېفىت قامىلى، بۇزۇلغان ئۇل ئەسلىھەلەر تۈپەيلىدىن تېخىمۇ ئېغىرلاشقان يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك ۋە توك ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەتنى ئېغىر بېسىم ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى مەزكۇر نېفىت قامىلىنى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى دەپ ئاتاپ ئەيىبلىدى.




















