«Fox» قانىلىنىڭ مۇخبىرى ترېي يىڭستنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران تەلەپلەرنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە، بۇ دۆلەتنى «پارتلىتىۋېتىش» كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ تاللاشلارنىڭ ئىچىدە ئىراننى پۈتۈنلەي يوقىتىش، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشقا تاشلاپ قويۇش ياكى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ سۆزلەر تېھران دائىرىلىرىنىڭ «ئامېرىكا ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر دۆلەت خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقى» ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن ئېيتىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ رايوندىكى ئامېرىكالىقلارغا قارىتا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۇھىببى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارىتا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ: «ئەگەر يېڭى ھۇجۇم يۈز بەرسە، مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ئۇسۇلىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. يېڭى ھۇجۇم يۈز بەرسە، قورال ۋە ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسىنى ئۆزگەرتىمىز» دېدى.
مۇھىببى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئەگەر يېڭى ھۇجۇم يۈز بەرسە، مۇداپىئە ۋە ھۇجۇم ئۇسۇلىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. قورال ۋە ئۇرۇشنىڭ جۇغراپىيەسىنى ئۆزگەرتىمىز. يېڭى ئىقتىدارلار سەپلەنگەن يېڭى قوراللارنى جەڭ مەيدانىغا چىقىرىمىز، دۇنيا ھەيران قالىدۇ. نىشانلىرىمىز ئىلگىرىكى نىشانلار ئەمەس. بىز تېخى ھۇجۇم قىلىنمىغان يېڭى نىشانلارنى بەلگىلىدۇق».


















