خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
فىرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كائېن (Caen) شەھىرىدە بىر شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلىنى توپلاشقان ئاممىنىڭ ئۈستىگە ھەيدىشى نەتىجىسىدە بىر كىشى ھاياتدىن ئايرىلىپ، 7 كىشى ئېغىر، جەمئىي 10 كىشى يارىلاندى.
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى
فىرانسىيەدە بىر شوپۇر ئاپتوموبىلىنى پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدىدى

ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن ېچىپ كەتكەن 26 ياشلىق گۇماندار ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

سائەت 22.15 ئەتراپىدا پويىز ئىستانسىسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كوچىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئاپتوموبىلنىڭ پىيادىلەرنىڭ ئۈستىگە قەستەن ھەيدەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ۋەقەدىن بۇرۇن رايوندا بىر بىر جېدەل چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارلىرى، قۇربانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 17 بىلەن 40 ياش ئارىسىدىكى ئەرلەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

روسىيەدە تۇغۇلغان 26 ياشلىق گۇماندارنىڭ ئىستخبارات دائىرىلىرى تەرىپىدىن تونۇلىغانلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى خاتىرىلىرىدە بولسا پەقەت قاتناش جىنايەتلىرى دېلوسىنىڭلا بارلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

نەخ مەيداندىن قاچقان گۇماندار، تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇيسترېھام شەھىرىدە قولغا چۈشۈرۈلدى.

تەپتىش مەھكىمىسى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە مۇئەييەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەش دېلوسى باشلىدى.

سۈرۈشتۈرۈشنىڭ تېخى باشلىنىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەسئۇللار مەۋجۇت سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى