خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
لىۋان دۆلەت تاراتقۇلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى / Reuters

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قىلغان بۇ قېتىمقى خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدا، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا بىرى ئايال جەمئىي تۆت كىشىنى ئۆلتۈرگەن، ئۈچى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 51 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، تىرە (Tire) رايونىدىكى مەجدال زۇن (Majdal Zoun) بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ئاگېنتلىق يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ خانىندىمۇ ئۆيلەرنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ۋە چىھىندە باشقا بىر كەڭ كۆلەملىك پارتلىتىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھاۋا ھۇجۇملىرى يەنە ھاداتخا (Hadatha)، براچىت (Braachit) ۋە ھارىس (Haris) يېزىلىرىنىمۇ ھۇجۇم نىشانى قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ناباتىيە رايونىدىكى ئالمان - ئەش شۇمارىيە رايونى ئارىلاپ-ئارىلاپ زەمبىرەك ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى؛ قىنا بىلەن سىددىقىن  ئوتتۇرىسىدىكى رايونمۇ ھاۋا ھۇجۇمىغان ئۇچرىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Lebanon's Aoun defends Israel talks: Negotiation is not treason

«چوڭ گۇناھ»

لىۋان پىرېزىدېنتى جوسېف ئەۋن: «نىشانىم، 1948-يىلدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالانغان 1949-يىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئوخشاش، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە بولۇش ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتۇر» دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە: «سىلەرنى ئىشەندۈرىمەنكى، نومۇس قىلارلىق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمايمەن» دېدى.

ئىلگىرى ھىزبۇللاھ رەھبىرى لىۋاننى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى «چوڭ گۇناھ» دەپ ئاتىغان ئىدى.

ھىزبۇللاھ رەھبىرى نائىم قاسىم ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى كەسكىن رەت قىلىمىز، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئۇلار قىلغان ئىشلار نە لىۋانغا، نە ئۆزلىرىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېگەن ھەمدە ئەمەلدارلارنى «لىۋاننى مۇقىمسىزلىق قاينىمىغا تاشلايدىغان چوڭ گۇناھلىرىدىن ۋاز كېچىشكە» چاقىغان ئىدى.

قاسىم: «ھۆكۈمەتنىڭ لىۋاننىڭ ھەق - ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلماسلىقنى، زېمىن تاپشۇرۇشنى ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن قارشىلىشىشنى توختاتمايدىكەن داۋاملىشالمايدۇ» دېگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli army orders civilians not to return to southern Lebanon despite ceasefire

ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى

ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان لىۋاندا 2520 دىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 7800 دىن ئارتۇق كىشىنى يارىلىدى.

17-ئاپرېلدا لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش جاكارلانغان بولسىمۇ، تېل ئاۋىۋ بۇنىڭغا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى.

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تەرەپلەر ئارىسىدا ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى يەتكۈزگەن ئىدى.

ھىزبۇللاھ گۇرۇپپىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، لىۋاننىڭ جەنۇبى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى نىشان قىلغان بىر يۈرۈش ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى.

ئىزدىنىڭ
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»
سۈرىيە ئاغدۇرۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى
ترامپ باش ئەلچىلەرنىڭ پاكىستان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چاناققەلئە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنىڭ 111 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
خىتاي ئامېرىكانى يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ئىران پاكىستاندىكى سۆھبەتلەردە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
7-نۆۋەتلىك خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى
ئارگېنتىنا فالكلاند ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
«ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەردىن ئالتۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا»
ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە غەززەدە 10 ياشلىق بىر قىز ئېغىر يارى
فىرانسىيەلىك بىر يەھۇدىي گۇرۇھى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بەرگەن FedEx ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى
ئامېرىكا ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ رەھبىرى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا 22 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە لىۋانغا يەنە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى