سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
«ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەردىن ئالتۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا»
مال – مۈلۈك بۇلاش ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىچىدە يېڭى بىر ئەھۋالمۇ ئەمەس؛ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئوغرىلىق ۋەقەلىرى دوكلات قىلىنغان ئىدى.
«ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەردىن ئالتۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا»
«ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەردىن ئالتۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا»

ئىسرائىلىيەنىڭ «ھائارېتز» (Haaretz) گېزىتى پەيشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر زاپاس ئەسكەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى؛ ئۇچۇردا ئەسكەرلەرنىڭ بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئالتۇن پارچىلىرىنى ئوغرىلىغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۇر خەۋەر، گېزىتنىڭ رايوندىكى ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەسكەرلەر ھەققىدە بىرنەچچە خەۋەر ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارمىيە بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تەكشۈرۈش باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالاھىدە ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەن.

مال – مۈلۈك بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىچىدە يېڭى بىر ئەھۋالمۇ ئەمەس. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان خەۋەرلىرىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئوغرىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن ئىدى.

«ھائارېتز» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەرلەر يەنە، خىزمەتداشلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆي ۋە سودا ئورۇنلىرىدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا پۇقرالارنىڭ بۇيۇملىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىنى، قوماندانلىرىنىڭ بولسا بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى «سېرىق لىنىيە» دەپ ئاتىغان چېگرا ئىچىدىكى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان 55 يېزىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى، يۇرتىدىن ئايرىلغان ئاھالىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ۋە رايونغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق كىشىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

گېزىت خەۋىرىدە: «خەۋەرلەرگە قارىغاندا، موتوسىكلىت، تېلېۋىزور، رەسىم، دىۋان ۋە گىلەم ئوغرىلىقلىرى كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرمەكتە ۋە بۇ بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ قالماقتا. مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك بولسۇن ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك بولسۇن، قوماندانلارنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى بار، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىنتىزام جازاسى قوللانمىغان» دەپ يازدى. گېزىت يەنە، بۇ ئەھۋالنىڭ زاپاس ئەسكەرلەر ئارىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«ھائارېتز» گېزىتىنىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىگە جاۋابەن، ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئەيال زامىر لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بۇلاڭ-تالاڭ ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ساقچى تەكشۈرۈشى باشلاشقا بۇيرۇق بەردى. گېزىت يەنە: «ئۇ يەنە چېگرا بويىدىكى بارلىق كىرىش-چىقىش نۇقتىلىرىغا ھەربىي ساقچى كۈچلىرىنى كۆپەيتىشكە بۇيرۇق بەردى ۋە توقۇنۇش رايونىغا كىرگەن ۋە چىققان ھەر بىر ئاپتوموبىلنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى» دەپ يازدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2-مارتتىن بۇيان لىۋان مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 2475 تىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى، تەخمىنەن 7700 كىشىنى يارىلاندۇردى ۋە 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن باش ئەلچى دەرىجىلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ يەنە ئۈچ ھەپتە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. 16-ئاپرېل باشلانغان ۋە ئەسلىدە ئامېرىكا مۇرەسسەچىلىك قىلغان 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ۋاشىنگتوندا لىۋان ۋە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستانغا ھېچقانداق ھەيئەت ئەۋەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا كېلىشىمگە يەنە خىلاپلىق قىلىپ، بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلدى
تۈركىيە ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىگە بىر تۈركمەن ۋالىي تەيىنلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
خەۋپسىزلىك شىركىتى ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ۋەدە بەرگەن ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى
رۇسىيە لىۋانغا 27 توننا ياردەم ئەۋەتتى، شۇ ئايروپىلان بىلەن يەنە رۇسىيە پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرىدۇ
ئامېرىكا يادرو ئىختىلاپىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇشقا چەكلىمە قويدى
ئىراقنىڭ مۇھىم سىياسىي قاتلىمىنىڭ باسم ئەلبەدرىنى باش مىنىستىر نامزاتى قىلىپ تاللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
ۋېنگىرىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى نېتانياھۇنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋاندىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانس سەيشەنبە كۈنى ئىران سۆھبىتى دائىرىسىدە پاكىستانغا سەپەر قىلىدۇ
شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى بىلەن ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
پولشا ئۇرۇش جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى  جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تېھران ئامېرىكانىڭ ئىران يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلىشىغا: «بۇ بىر دېڭىز قاراقچىلىقى» دەپ باھا بەردى
ترامپ: ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇساپىسى «ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل» بولىدۇ