ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى (KAN) نىڭ بىر ئامېرىكالىق ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) يېقىندا تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرىگە «ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتىدىن باشلىنىش ئېھتىماللىقىغا پۈتۈنلەي تەييار تۇرۇش» توغرىسىدا مەخسۇس ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇر پەقەت ئىسرائىلىيەگىلا ئەمەس، بەلكى قولتۇق دۆلەتلىرىگىمۇ بىردەك ئۇقتۇرۇلغان. KAN نىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يوليورۇق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېقىندىلا قىلغان «ئىرانغا قايتا ھۇجۇم قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق» دېگەن سۆزى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا زىددىيەتلىك ئىكەن.
نۆۋەتتە ۋاشىنگتون ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قارىتا ھەربىي كۈچ ۋە قورال-ياراغ يۆتكەشنى تېزلەتمەكتە. نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىكى ھەربىي بازىلىرىدا ھاۋادا يېقىلغۇ تولۇقلايدىغان 200 گە يېقىن ئايروپىلان شەي بولۇپ تۇرماقتا.
KAN نىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ «جورج ۋاشىنگتون» ۋە «جورج بۇش» ناملىق ئىككى ئاۋىياماتكىسى ھازىر رايوندا لەڭگەر تاشلىغان بولۇپ، «روزۋېلت» ناملىق ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىنىڭمۇ كېلەر ھەپتە ئىچىدە ئومان دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن سۇ تەۋەلىكىگە يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.




















