شىركەت مەسىلىنىڭ تېخنىكىلىق كاشىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تور ھۇجۇمى ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى.
مىكروسوفت پۈتكۈل دۇنيادىكى ئاممىۋى مۇلازىمەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ خىزمىتىنى ئاقساتقان يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبىدىن ئەپۇ سوراپ، ئاۋۇتلۇك ئېلخەت مۇلازىمىتى ۋە باشقا مۇلازىمەتلەردە «كەڭ كۆلەملىك ئەسلىگە كېلىش» نىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرغۇن مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن، داۋالاش مۇلازىمەتلىرىنى ئاقساتقان، شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلىشىنى كېچىكتۈرگەن ۋە مەكتەپلەردە ئالاقە مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېخنىكىلىق كاشىلانىڭ سەۋەبى توغرىسىدا، ھەر قانداق يامان غەرەزلىك «تور ياكى سۈنئىي ئەقىل» ھۇجۇم ئېھتىماللىقى شىركەت تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
جۈمە (2026-يىلى 13-نويابىر) كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى ئېكس (X) ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېخنىكىلىق كاشىلا باشلانغاندىن كېيىن، بارلىق مۇلازىمەتلەرنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ: «بۇ ۋەقەنىڭ خېرىدارلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزگە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلىرى ئۈچۈن چوڭقۇر ئەپسۇسلىنىمىز. مۇلازىمەتلىرىمىزدە ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋە مۇقىملىقنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ تور ھۇجۇمى ياكى سۈنئىي ئەقىل ۋە ياكى ۋاكالەتچىلەر (agents) بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان تېخنىكىلىق مەسىلەدۇر» دېيىلدى.
مەشغۇلاتلارنى قايتا نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن 12 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقان مىكروسوفت، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا مۇلازىمەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا بولسا، ياخشىلىنىش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا يەنە، شىمالىي ئامېرىكادىكى ياخشىلىنىشلار، ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمىدىكى مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى «ئۈمىد بېغىشلايدىغان ياخشىلىنىش سىگناللىرى» تىلغا ئېلىنىپ، «تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلاردا ئەسلىگە كېلىش جەريانىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى» قەيت قىلىندى.
ئىز قوغلاش سۇپىسى (Downdetector) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تېخنىكىلىق كاشىلا 74 دۆلەت ۋە رايوندا مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشتىن توختىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقانىڭ بەزى رايونلىرىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن.
ئەنگلىيەدىكى داڭلىق بىر ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كاشىلىلارنىڭ دۆلەتنىڭ سەھىيە مۇلازىمەتلىرىگە «ئېغىر تەسىر» كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. كاشىلانىڭ بىر قانچە سائەت داۋاملىشىشى بىلەن، ھىندىستاندىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى خېرىدارلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىندىگو (IndiGo) ۋە ئاكاسا (Akasa Air) ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى ئېكس (X) تە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېلخەت مۇلازىمەتلىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە خېرىدارلاردىن كەلگەن ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.
يېڭى زېلاندىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بولسا، يۈز بەرگەن كاشىلا سەۋەبىدىن بارلىق ۋىزا ئىلتىماسلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەۋسىيە




















