خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت: ئىسرائىلىيەنىڭ بالىلارنى قەستەن نىشانغا ئېلىشى—غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى («ب د ت») تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ پەلەستىنلىك بالىلارنى قەستەن نىشانغا ئېلىشى — نۆۋەتتە غەززەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بىر ئامىلىغا ئايلانغان.
ب د ت: ئىسرائىلىيەنىڭ بالىلارنى قەستەن نىشانغا ئېلىشى—غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىر قىسمى
ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشىدە دېيىلىشىچە، غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىلىدا ئاز دېگەندە 20،179 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 44،143 بالا يارىلانغان. (AA)

ئۈچ نەپەر ئەزادىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس ھەيئەت پەلەستىنلىك بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى ئۆلۈم-يېتىم، يارىلىنىش ۋە ئېغىر روھىي زەربىلەرگە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش بىلەن بىرگە، بۇ قىلمىشلارنىڭ بىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يەكۈننى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك تەكىتلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى («ب د ت») تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ پەلەستىنلىك بالىلارنى قەستەن نىشانغا ئېلىشى — نۆۋەتتە غەززەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بىر ئامىلىغا ئايلانغان.

ب د ت نىڭ مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، «پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن قەستەن نىشانغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى» گە ئالاقىدار يېتەرلىك پاكىتلارنى تاپقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

گەرچە بۇ ئۈچ كىشىلىك مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىۋاسىتە ب د ت نامىدىن بايانات ئېلان قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى بېكىتكەن ئىدى.

مەزكۇر ھەيئەت يېقىندا ئېلان قىلغان ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىكى سىستېمىلىق ئالاھىدىلىك ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ خىل ۋەزىيەت پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ «مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەرىجىدە جېنىدىن ئايرىلىشىغا، يارىلىنىشىغا ۋە ئېغىر روھىي زەربىلەرگە دۇچار بولۇشىغا سەۋەب بولغان.

مەسئۇل خادىملار يەنە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ غەززەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق سادىر قىلىۋاتقانلىقى» توغرىسىدا قەتئىي يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن، قوللىرىدا يېتەرلىك ۋە «مۇۋاپىق ئاساسلار» نىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

غەززەدە بالىلىق دەۋرى پۈتۈنلەي «بەربات قىلىندى»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن 2021-يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر مۇستەقىل كومىتېت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي زەخىملىنىش، كەڭ كۆلەملىك روھىي زەربىلەر، يېتىم قېلىش، ئائىلىسىدىن جۇدا بولۇش، مېيىپ بولۇپ قېلىش، قايتا-قايتا يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلىنىش، ئاچلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، شۇنداقلا مائارىپ ۋە سەھىيە سىستېمىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى — غەززەدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ «بالىلىق دەۋرىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلدى». بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر رايوندىكى بالىلارنىڭ كەلگۈسى ھاياتىغا بىر ئۆمۈر ئوڭشالغۇسىز سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

مەزكۇر تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ھىندىستانلىق سوتچى سرىنىۋاسان مۇرالىدخار سۆزىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئىسرائىلىيە بالىلارنى نىشانغا ئېلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە پەلەستىن خەلقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە ئۆز كەلگۈسىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىنىڭ دەل ئۆزىگە ھۇجۇم قىلماقتا. 2025-يىلى 10-ئايدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىنمۇ، رايوندىكى بالىلار يەنىلا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلمەكتە ۋە ئېغىر دەرىجىدە يارىلاندۇرۇلماقتا.»

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى