خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ئاممان ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ 18 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغانلىقىنى، قالغان ئىككى بومبىنىڭ بولسا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يىتىمىگە سەۋەب بولماستىن ئوچۇق يەرلەرگە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى / Reuters Arkiv

تېھران رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ۋە نېفىت پاراخوتلىرىغا قاراتقان تەھدىتلىرىنى كېڭەيتمەكتە. ئىران يېقىندا يۈز بەرگەن ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىيوردانىيەدىكى بىر ئامېرىكا بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىككى ۋەيران قىلغۇچى پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىيوردانىيە ئارمىيەسى ئىران تەرىپىدىن بىر ئامېرىكا بازىسىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمدا 20 باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 18 ىنىڭ ئىيوردانىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

بىر ھەربىي باياناتچى ئېشىپ قالغان بومبىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يىتىمىگە ياكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولماستىنلا ئوچۇق يەرلەرگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر بومبا ھۇجۇملىرى، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ (IRGC) ئىيوردانىيەدىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدىن سىرت، قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە «Aegis» جەڭ سىستېمىلىرى سەپلەنگەن ئامېرىكاغا تەۋە DDG-119 ۋە DDG-53 تىپلىق ۋەيران قىلغۇچى پاراخوتلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى تەشكىللىگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا يۈز بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US strikes multiple Iranian tankers as tensions soar in Middle East

يېرىم رەسمىي تاسنىم ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان بىر باياناتتا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى «ئىران نېفىت پاراخوتلىرى ۋە كېمىلىرىگە قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرى ھەمدە رەزىل نىيەتلىك پاراكەندىچىلىكلەرگە» قارشى «خېلىلا كۈچلۈك شەكىلدە» قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەيران قىلغۇچى پاراخوتلار بىلەن ئامېرىكا ئەسلىھەلىرىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

پارس قولتۇقىدا كۈچىيىۋاتقان دېڭىزدىكى توقۇنۇشلار بىلەن بىر ۋاقىتتا چېگرا ھالقىغان بومبا ھۇجۇملىرى يۈز بەرمەكتە.

دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى «IRIB» نىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، ئىران دېڭىز ئارمىيەسى ئامېرىكانىڭ ئىران پاراخوتلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار خەۋەرلەردىن كېيىن، ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىدا كۇۋەيت بىلەن بەھرەين پورتلىرىدىكى نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خادىملارنى دەرھال تارقاقلىشىشقا چاقىرغان.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار