ۋېنگىرىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش مىنىستىرى پېتېر ماكيار خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئەگەر دۆلەت زېمىنىغا قەدەم باسسا، ئۇنى قولغا ئېلىشلىرى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2024-يىلى نويابىردا نېتانياھۇ ئۈستىدىن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش سەۋەبى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى؛ ئەزا دۆلەتلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر. ۋېنگىرىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نېتانياھۇنىڭ 2025-يىلى ئاپرېلدىكى بوداپېشت زىيارىتىدە ئۇنى تۇتۇشنى رەت قىلغانىدى.
ماكيار يەنە ۋېنگىرىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چىقىپ كېتىش مۇساپىسىنى 2-ئىيۇنغىچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ: «ئەگەر بىر دۆلەت خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولسا ۋە سوت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر شەخس زېمىنىمىزغا كىرسە، ئۇ كىشى قولغا ئېلىنىشى كېرەك» دېيىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنۇش نىيىتىنى جەزملەشتۈردى.
بۇ ئۆزگىرىش ۋىكتور ئورباننىڭ 16 يىللىق ھاكىمىيىتى 12-ئاپرېل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بارلىققا كەلدى؛ ماكيارنىڭ تىسزا (Tisza) پارتىيەسى سايلامدا ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قازانغانىدى. مۇتەخەسسىسلەر ۋېنگىرىيەدىكى ھۆكۈمەت ئالمىشىشى سايىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «توسالغۇسى ئاز بولغان بىر شېرىك»كە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ كىيېۋ ئۈچۈن 105 مىليارد دوللارلىق قەرزنىڭ يولىنى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنداقلا، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تېل ئاۋىۋ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە «ئىنچىكە بىر قايتا تەڭشەش» ئېلىپ بېرىشىنى كۈتمەكتە.
2025-يىلى ئاپرېلدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى؛ بۇ ئۇقتۇرۇش سوتنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدىن كېيىن نېتانياھۇنىڭ ياۋروپاغا قىلغان تۇنجى دۆلەت زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلىنغانىدى. ئەمما «Bloomberg»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماكيارنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ۋېنگىرىيەنىڭ سوت مەھكىمىسىدىن چىقىشىنىڭ تېخى جەزملەشمىگەنلىكىنى ۋە ماكيارنىڭ مايدا ۋەزىپە باشلىغاندا بۇ مۇساپىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.












