سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
ھاماس قورالسىزلىنىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىش ۋە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى شەرتلەرگە پىسەنت قىلماسلىقنىڭ غەززە پىلانىغا زىت بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار

ھاماس قورالسىزلىنىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىش ۋە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى شەرتلەرگە پىسەنت قىلماسلىقنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە پىلانىغا زىت ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتلەرنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» نىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، دونالد ترامپنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە قارىتا پىلانىنىڭ «تامامەن» مۇشۇ قەدەمگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇبىيو Fox News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا: «مىسىر ۋە تۈركىيەدىكى شېرىكلىرىمىزنىڭ بۇ مۇساپىگە قاتناشقانلىقىنى بىلىمەن. ھەپتە ئاخىرىدا، ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى توغرىسىدا بىر كېلىشىمگە يېقىنلاشقانلىقىمىزغا دائىر بىرنەچچە ئۈمىدۋار سىگناللار كۆرۈلدى» دېدى.

رۇبىيو سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «ئەمما بۇ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك. بۇ پىلان لايىھەسى پەقەت ھاماس قورالسىزلانغاندىلا ئاندىن تاماملىنىدۇ. بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشقۇچە ھەممە نەرسە گۇمان ئاستىدا قالىدۇ» دېدى.

رۇبىيو ۋاشىنگتوننىڭ ھاماس قوراللىرىنى تاشلىمىسا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتا ئۇرۇشىنى قايتا باشلىشىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «پىرېزىدېنتنىڭ كەلگۈسىدە نەزەرىيە جەھەتتىن نېمىنى قوللايدىغانلىقى ياكى قوللىمايدىغانلىقى توغرىسىدا پەرەز ئوتتۇرىغا قويمايمەن، بۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بىز ئارزۇ قىلىدىغان نەتىجە بۇ ئەمەس. بىزنىڭ كۆزلىگەن نەتىجىمىز، ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى ۋە خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى تەرىپىدىن قوللاپ-قۋۋەتلەنگەن بىر پەلەستىن خەۋپسىزلىك كۈچىنىڭ غەززەنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

ئالدى بىلەن بىرىنچى باسقۇچ

 ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم ئالدىنقى ھەپتە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، قورالسىزلىنىشتا چىڭ تۇرۇۋېلىش ۋە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى شەرتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشنى ترامپنىڭ غەززە پىلانىغا زىت، دەپ كۆرسەتتى؛ بۇنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچ ئۈستىدىكى سۆھبەتلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى» بايان قىلدى.

قاسىمنىڭ باياناتى، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە ھاماسنىڭ غەززەدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇلى خەلىل ئەلھەييە، مىسىر دائىرىلىرى، تىنچلىق كېڭىشىنىڭ غەززەدىكى ئالىي ۋەكىلى نىكولاي مىلادېنوۋ ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ئارىي لايتستونلار بىر يەرگە جەم بولغان يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ھاماس باياناتچىسى باشقا سۆھبەتلەرگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن بىرىنچى باسقۇچلۇق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

ترامپ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر پىلان ئېلان قىلغان ئىدى. بىرىنچى باسقۇچتا ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ بىر قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى، رايوندىكى قالغان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىشى ۋە كۈنىگە 600 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى شەرت قىلىنغان ئىدى.

ھاماس ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق بىرىنچى باسقۇچلۇق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ۋە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ 786 پەلەستىنلىكنى قەتل قىلغانلىقىنى، 2217 كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

«بېسىم ۋاسىتىلىرى»

ئىككىنچى باسقۇچتا غەززەنىڭ %50 تىن كۆپرەكىنى بېسىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى، غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ قورالسىزلىنىشىنىڭ باشلىنىشى كۆزدە تۇتۇلغان.

قاسىم ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا ئۇرۇش باشلاش ھەققىدىكى تەھدىتلىرىگە قارىتا، بۇنىڭ غەلىبە قىلالمايدىغان بىر «بېسىم ۋاسىتىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار، پەلەستىن زېمىنىنىڭ بەزى قىسىملىرىنىڭ بېسىۋېلىنىشى ۋە ياردەملەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسلىدىنلا «ئۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە توختاتمىغانلىقىنى» قەيت قىلدى.

14-قانالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ يېقىندا غەززەنى پۈتۈنلەي قايتا بېسىۋېلىش ۋە ئۇ يەردە كۆچمەنلەر رايونى قۇرۇش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان.

ئىزدىنىڭ
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»
سۈرىيە ئاغدۇرۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى سوتلاشقا باشلىدى
ترامپ باش ئەلچىلەرنىڭ پاكىستان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چاناققەلئە قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنىڭ 111 - يىللىقىنى خاتىرىلىدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى
خىتاي ئامېرىكانى يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
ئىران پاكىستاندىكى سۆھبەتلەردە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
7-نۆۋەتلىك خەلقئارا يەلكەنلىك كېمە «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى
ئارگېنتىنا فالكلاند ئاراللىرى مەسىلىسىدە ئەنگلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە
«ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەردىن ئالتۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا»
ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە غەززەدە 10 ياشلىق بىر قىز ئېغىر يارى
فىرانسىيەلىك بىر يەھۇدىي گۇرۇھى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بەرگەن FedEx ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى
ئامېرىكا ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ رەھبىرى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا 22 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە لىۋانغا يەنە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى