خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
WSJ: جون رەتكىلىف موسكۋادا رۇسىيەنى ناتوغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
«Wall Street Journal» جون رەتكىلىفنىڭ موسكۋاغا قىلغان مەخپىي زىيارىتىدە، رۇسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئەزالىرى ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
WSJ: جون رەتكىلىف موسكۋادا رۇسىيەنى ناتوغا ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
CIA مۇدىرى تۈنۈگۈن موسكۋاغا پىلانلانمىغان زىيارەت ئېلىپ بارغان ئىدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) دىرېكتورى جون رەتكىلىفنىڭ رۇسىيەگە قىلغان مەخپىي زىيارىتىنىڭ، رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنى ناتو ئەزالىرى ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

«Wall Street Journal»  (WSJ)  گېزىتىگە سۆز قىلغان ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەتكىلىفنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باھالاشلىرىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. بۇ باھالاشلاردا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بىر قانچە يىل ئىچىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ناتونىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى سىناپ بېقىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكالىق ئەمەلدارلار ئۇكرائىنادا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ۋە دۆلەت ئىچىدە بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان پۇتىننىڭ، بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھەرىكەت تور ھۇجۇملىرىدىن تار كۆلەملىك قۇرۇقلۇققا كىرىشكىچە بولغان ئوخشىمىغان شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

ئەمەلدارلار ئىران ئۇرۇشىغا سەرپ قىلىنغان ھەربىي خىراجەتلەر تۈپەيلى غەرب دۆلەتلىرىدە كۆرۈلگەن ئوق-دورا كەمچىللىكىنىڭمۇ پۇتىننىڭ «ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى»غا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇلار رەتكىلىفنىڭ بۇ ھەپتە موسكۋاغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتىنىڭ رۇسىيەگە ناتو دۆلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ تۈنۈگۈن موسكۋادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رەتكىلىفنىڭ رۇسىيە ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئەمما پۇتىن بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. پېسكوۋ پۇتىنغا سۆھبەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا، رەتكىلىفنىڭ موسكۋا زىيارىتىنى «يېرىم دائىملىق» زىيارەت دەپ تەسۋىرلىدى. ئۇ بۇ زىيارەتنىڭ ناتو ياكى ئەنگلىيەگە قارىتىلىشى مۇمكىن بولغان «رۇسىيە ھەربىي تەھدىتلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قاراشلارنى رەت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى