تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بۇرھانەتتىن دۇران، نۆۋەتتە توقۇنۇشلارنىڭ پەقەت جەڭ مەيدانلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى تونۇش ۋە ئۇچۇر ساھەسىدىمۇ كۈچلۈك داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
دوران مۇنبەردە ئىلگىرى سۈرۈلگەن دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى بىرلىكنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلدى. / AA

بۇرھانەتتىن دۇران مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنى ئۆز ھېكايىسىنى ۋە بايانلىرىنى قايتىدىن كونترول قىلىشقا چاقىردى. ئۇ خەلقئارا تەرتىپنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قانۇنىيلىق كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بۇ تەرتىپنى قۇرغۇچىلارنىڭ ھازىر شۇ تەرتىپنىڭ ئاساسلىق بۇزغۇنچىلىرىغا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «2026-يىللىق مۇسۇلمان تەسىرى مۇنبىرى» نىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان دۇران، دۇنيانىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئادەتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھالقىغان چوڭقۇر بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ سۆزىدە: «ئۇرۇشلار، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار، يەرشارىۋى يۇقۇملار ھەمدە خەلقئارالىق ئاپپاراتلار بىلەن مىزانلارغا بولغان ئىشەنچنىڭ ئاجىزلىشىشى، بىزنىڭ ھالقىلىق بىر بوسۇغىدا تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنىڭ ئېنىق ئىسپاتىدۇر» دېدى. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئېنىق بىر تەسەۋۋۇردىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دۇران سىستېمىلىق يىمىرىلىشنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ، چوڭ كۈچلەرنىڭ بارغانسېرى مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقىنى ۋە يەرشارىۋى تەرتىپنىڭ ئاساسلىق ئاكتىيورلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا مۇقىملىقنى قوغداش ۋە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئاپپاراتلارنىڭ ئۈنۈمىنى يوقاتقانلىقىغا دىققەت تارتتى. دۇران دۇنيانىڭ «ئالاقە دەۋرى»دىن ھالقىپ، «بايانلار دەۋرى»گە قەدەم قويغانلىقىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يېڭى دەۋردە رىقابەت پەقەت ئۇچۇر يەتكۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنىڭ قانداق رامكىغا سېلىنىشى، قانداق شەرھلىنىشى ۋە يەرشارىۋى ئاممىۋى پىكىر تەرىپىدىن قانداق قوبۇل قىلىنىشى ئۈستىدىدۇر.»

ئۇچۇرلارنىڭ سېكۇنتلار ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ سۈرئەتنىڭ ساختا ئۇچۇر، غەزەرلىك يۆنىلىش ۋە ھەقىقەتنىڭ غۇۋالىشىشى قاتارلىق خەۋپ-خەتەرلەرنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن دۇران، ساختا سىنلار ۋە تەشكىللىك تەشۋىقات تورلىرىنىڭ زامانىۋى توقۇنۇشلارنىڭ مەركىزىي ئامىلىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى. ئۇ يەنە: «ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، توغرا، دەلىللەنگەن ۋە ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان بىر ئۇچۇر ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز دەپ بىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى رولى ھەققىدە توختالغان دۇران، دۆلىتىنىڭ ئىراق، سۈرىيە، جەنۇبىي كاۋكاز، ئۇكرائىنا ۋە غەززە قاتارلىق رايونلاردىكى كىرىزىسلەردە مۇرەسسەچى ۋە تىنچلىق بەرپا قىلغۇچى رولىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر» دېگەن شوئارىنىڭ يەرشارىۋى سىستېمىدىكى قۇرۇلمىلىق تەڭسىزلىكلەرگە قارىتىلغان ئەڭ كۈچلۈك جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇرھانەتتىن دۇران مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ خەلقئارا تەرتىپنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرىدا ۋە تەدبىر بەلگىلەش جەريانلىرىدا تارىخىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ ئېدۋارد سەئىدنىڭ «شەرقشۇناسلىق» ۋە «مېدىيادا ئىسلام» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، غەربچە بايانلارنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىسلام دۇنياسىغا بولغان تونۇشنى خاتا شەكىللەندۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇران مۇسۇلمان جەمئىيەتلەرنىڭ غەرب مەركەزچىلىكىدىكى ئىدىيەۋى بېسىملاردىن ۋە مۇداپىئەلىنىش پوزىتسىيەسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يېڭى يەرشارىۋى تەرتىپتە مىزان بېكىتكۈچى ئورۇنغا ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى ئۆتكۈنچى مەزگىل پەقەت خەۋپلا ئەمەس، بەلكى چوڭ پۇرسەتلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. قىممەت-قاراشلىرىمىزنى سىستېمىغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە غەرب مەركەزچى كۆزقاراشلار تېڭىۋاتقان تار چەكلىمىلەردىن قۇتۇلۇشىمىز كېرەك.»

دۇران سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەگەر مۇسۇلمانلار ئۆز ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمىسە، باشقىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىغا سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى باشقىلارنىڭ بەلگىلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەت، پۇقرالار جەمئىيىتى، ئاكادېمىك ۋە تاراتقۇ ساھەسىنى كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا، رەقەملىك ساۋاتلىقنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
«ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلەردىن ئالتۇنلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا»
ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە غەززەدە 10 ياشلىق بىر قىز ئېغىر يارى
فىرانسىيەلىك بىر يەھۇدىي گۇرۇھى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بەرگەن FedEx ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى
ئامېرىكا ئىراقلىق قوراللىق گۇرۇھ رەھبىرى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى توقۇنۇشلاردا 22 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى
ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە لىۋانغا يەنە ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى
ترامپ ئىرانغا يادرو قورالى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئەردوغان ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ناتونى تېخىمۇ كۈچلۈك بىرلىككە چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ستەينمېيېرغا رايوندىكى ئۇرۇشلارنىڭ ياۋروپانى ئاجىزلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
گېرمانىيە رۇسىيەنى توسۇش ئۈچۈن 2039-يىلىغىچە ياۋروپانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەسىنى قۇرۇشنى نىشانلىماقتا
قاتناش مىنىستىرى: «تۈركىيەدە ئايروپىلان يېقىلغۇسى قىسلىقى يوق»
تۈركىيە دۇنياۋى پارچىلىنىشلارغا قارشى سودا كارىدورلىرىغا ئەھمىيەت بەرمەكتە
ئىران بىلەن چېتىشلىقى بار 34 ماي توشۇش پاراخوتى ئامېرىكا قامىلىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى
ئىران ئەتراپىدا بىرقانچە سائەت ئىچىدە ئىككى يۈك پاراخوتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
«ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە تۈگەتتى»