نۆۋەتتە دۇنيانىڭ دىققىتى ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرە مۇساپىسىگە مەركەزلەشتى. ئىران تاراتقۇلىرى ئامېرىكانىڭ تەكلىپىنى «تېھراننىڭ ترامپنىڭ زىيادە تەلەپلىرىگە تەسلىم بولۇشى» دەپ باھالاپ، بۇ تەكلىپنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «تەسنىم» (TASNIM)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېھراننىڭ ئاساسلىق تەلىپى ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا دېڭىز قامالىنى بىكار قىلىشتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇشنىڭ بارلىق فىرونتلاردا دەرھال ئاخىرلىشىشى، بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق كاپالىتى بېرىلىشى، نېفىت ئېكسپورتىغا قويۇلغان جازالارنىڭ 30 كۈن ئىچىدە بىكار قىلىنىشى، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش تالاپەت تۆلىمى تۆلىشى ۋە ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى قاتارلىق ماددىلارمۇ ئىراننىڭ قارشى تەكلىپىدىن ئورۇن ئالغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا ئىراننىڭ تەكلىپىنى ئۆزىنىڭ «Truth Social» ھېسابىدا «پۈتۈنلەي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەپ ئاتىدى. ترامپ يەنە «Axios» مۇخبىرى باراك راۋىد (Barak Ravid) بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، تېھراننىڭ جاۋابىنىڭ «ھېچقانداق قىممىتى يوق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئىراننىڭ 47 يىلدىن بېرى ئامېرىكا بىلەن «ئويۇن ئويناۋاتقانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئىران بىلەن ئىمزالىغان يادرو كېلىشىمىنىمۇ تەنقىد قىلدى.
ترامپ يەنە، ئەگەر ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، «ئەركىنلىك پىلانى» (Project Freedom) ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قايتا باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئەھۋالدا پىلان <ئەركىنلىك پىلانى پىليۇس> بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيەنىڭ تەسىرىمۇ كۆرۈنەرلىك بولماقتا. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرمايدىغان ھەرقانداق بىر كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرى تېھراننىڭ بۇ مۇساپىنى پەقەت ۋاقىت ئۇتۇش ئۈچۈنلا ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ھازىرچە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قامالى داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا تەرەپ بۈگۈنگىچە ئىران پورتلىرىغا كىرىش-چىقىشقا ئۇرۇنغان 57 سودا پاراخوتىنى باشقا يۆنىلىشلەرگە بۇرۇۋەتكەنلىكىنى، 4 پاراخوتنى بولسا كاردىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «Wall Street Journal» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى نۆۋەتلىك سۆھبەت پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادتا كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا قايتىدىن باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.









.jpg?width=512&format=webp&quality=80)

