سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېھراننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
دونالد ترامپ بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان شىمالىي كارولىنا شتاتىدا ئايروپىلاندىن چۈشكەندە مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېھراننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ترامپ بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدا ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن «بىۋاسىتە» ئالاقە ئورناتقانلىقىنى ۋە تېھراننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنىڭ قايسى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا: «ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ: «ئىران كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئىنتايىن خالايدۇ. بۇ مۇساپىنىڭ قانداق نەتىجىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى» دېدى.

ترامپ ئىراندىن كەلگەن ئۇچۇرنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنلىكى سورالغاندا، ئۇچۇرنى «بىۋاسىتە تاپشۇرۇۋالغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى
زېلېنسكىي: رۇسىيە ھەقىقەتەن خالىسا، ئۇكرائىنا جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە تەييار
ب د ت: «يەمەندىكى توقۇنۇشلارنىڭ كەسكىنلىشىشى 137 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ مائارىپىنى ئاقسىتىپ قويماقتا»
ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىغا قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تۇنجى قېتىم جەزملەشتۈردى
ئانتروپىك ئەمەلدارى سۈنئىي ئەقىل رىقابىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن ئۈچ باسقۇچلۇق پىلان ئېلان قىلدى
ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىتۋانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئامېرىكا باش تەپتىشى: ئىران ئۇرۇشى «ئىستراتېگىيەلىك» ئوق-دورا كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا «قەتئىيلىك بىلەن» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىنىڭ غەربىدە MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئۇكرائىنا تاتارىستانغا  ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
مىنىستىر فىدان: «سۈرىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى» دېدى
يەمەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا قايتىدىن ئورنىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى
خىتاي ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا تەۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئىرانغا بەردىمۇ؟
شىمالىي كورېيە ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى