تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 دۆلەت «بەدىر (تولۇنئاي) كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى.
ئورتاق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر قەدەم سۈپىتىدە، بۈگۈن قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا، قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھىندونېزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا كۆپ تەرەپلىك «بەدىر كېلىشىم لايىھەسى» ئىمزالاندى.
كېلىشىم لايىھەسىگە، قاتار مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى شەيخ سۇئۇد بىن ئابدۇرراھمان بىن ھەسەن ئالسانى، ھىندونېزىيە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇسۇف جەۋھەرى، پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاۋاجا مۇھەممەد ئاسىف ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئىمزا قويدى.
مەزكۇر كېلىشىم؛ ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، 4 دۆلەتنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا تېخنىكىلىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە، تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىدىكى ھەمكارلىقنى قوللاشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تەشەببۇس، زامانىۋى دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان لايىھە ۋە سانائەت تارماقلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا بۇ كېلىشىم؛ قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك بىلەن مۇقىملىقنى قوللاپ، ئورتاق نىشانلارغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان شەكىلدە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشىدۇ.



























