فىرانسىيەدىكى تاللا بازارلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى: مەھسۇلاتلار بۇزۇلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيەدىكى تاللا بازارلىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى: مەھسۇلاتلار بۇزۇلدىفىرانسىيەدىكى كەم دېگەندە 150 چوڭ تاللا بازىرىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. خاككېرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە مىليونلىغان ياۋرو قىممىتىدىكى مەھسۇلاتلار بۇزۇلۇپ كەتتى.
فىرانسىيەدە تاللا بازارلىرىغا تور ھۇجۇمى

فىرانسىيەدە كەم دېگەندە 150 تاللا بازىرىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسى تور ھۇجۇمىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى. سىستېمىغا يىراقتىن ھۇجۇم قىلغان خاككېرلار توڭلاتقۇلاردىكى يېڭى ۋە توڭلىتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ سېسىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مىليونلىغان ياۋرو زىيان سالدى.

بەزى دۇكانلارنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچلىرىنىڭ تور ئارقىلىق يىراقتىن ئۆزگەرتىلگەنلىكى، بۇنىڭ يېڭى ۋە توڭلىتىلغان مەھسۇلات زاپاسلىرىنىڭ سېسىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

Cooperative U گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دومىنىك شېلچېر (Dominique Schelcher) ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن كېچىدىن باشلاپ تورىدىكى نۇرغۇن دۇكانلارنىڭ سوۋۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىليونلىغان ياۋرو زىيان كۆرۈلدى

فىرانسىيە BFMTV تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سوۋۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر سىستېما خاككېرلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈۋېلىنغان.

خاككېرلار مەزكۇر سىستېمىنىڭ ئىقتىدارىنى تەتۈر ئىشلىتىپ، توختىماي ۋە مەجبۇرىي شەكىلدە مۇز ئېرىتىش جەريانىنى قوزغىتىۋەتكەن. بۇ ھۇجۇم سەۋەبىدىن بەزى توڭلاتقۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى 50 گىرادۇسقا يەتكەن.

پەقەت ئالزاس (Alsace) رايونىدىكى ئىككى Intermarche ۋە Super U تاللا بازىرىدىلا 270 مىڭ ياۋرو زىيان كۆرۈلگەن. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادىي زىياننىڭ مىليونلىغان ياۋروغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە