جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۇداپىئە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدۇق
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۇداپىئە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدۇقجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەت مۇداپىئەسى مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ 10 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى ۋە سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتىغا غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مۇداپىئە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدۇق

«ئەقىللىق تىل مودېلىمىز ئارقىلىق تۈركچە سۈنئىي ئەقىل لايىھەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ئومۇملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۆتكەن يىلى 180 ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونغا 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاۋىياتسىيە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدۇق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «TİM 13 - نۆۋەتلىك يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكى پىروگراممىسى» غا قاتناشتى.

ئەردوغان بۇ يەردە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تېخنولوگىيە رىقابىتىدە ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مىللىي تېخنولوگىيە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۇنيادا ئاز ساندىكى دۆلەتلەرلا ئىگە بولغان غايەت زور تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇل ئەسلىھەسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. 24 يىل ئىلگىرى سانى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا بولغان باغچىلاشقان پەن-تېخنىكا رايونلىرىمىزنىڭ سانى بۈگۈنكى كۈندە 115 كە يەتتى. 2002 - يىلى 1 مىليارد 200 مىليون دوللار بولغان تۈركىيەنىڭ تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش خىراجىتىنى 20 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدۇق.»

تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ھەرىكەت پىلانى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلما كۈچىنى 2030 - يىلىغىچە كەم دېگەندە 1 گىگاۋاتقا يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«سانلىق مەلۇمات مەركىزى، بۇلۇت ھېسابلاش ۋە سۈنئىي ئەقىل ئۇل ئەسلىھەلىرىدە خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەم دېگەندە 10 مىليارد دوللارلىق مەبلەغنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىمىز. ئەقىللىق تىل مودېلىمىز ئارقىلىق تۈركچە سۈنئىي ئەقىل لايىھەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ۋە ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە ئومۇملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۆتكەن يىلى 180 ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايونغا 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئاۋىياتسىيە مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلدۇق. 2026 - يىلىنىڭ يانۋار-سېنتەبىر مەزگىلىدە بولسا، ئېكسپورتىمىزنى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 15.6 ئاشۇرۇپ، 6 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكۈزدۇق.»

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ