نورۋېگىيەدىكى مانېۋىردا ئىجارە ئاپتوموبىللارنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
نورۋېگىيەدىكى مانېۋىردا ئىجارە ئاپتوموبىللارنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدىنورۋېگىيەدىكى مانېۋىردا خىتاي ماركىلىق ئىجارە ئاپتوموبىللارنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ لىنىيەسى ۋە پاروللىرىنى خاتىرىلىۋالغانلىقى، بۇنىڭ دۆلەتتە خەۋپسىزلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
(ئارخىپ) نورۋېگىيەدىكى ھەربىي مانېۋىردا ئىشلىتىلگەن ئىجارىگە ئېلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

نورۋېگىيەدىكى ھەربىي مانېۋىردا ئىشلىتىلگەن ئىجارە ئاپتوموبىللارنىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتوموبىللارنىڭ نورۋېگىيە ئارمىيەسى ھەمكارلىشىدىغان بىر شىركەتتىن ئىجارىگە ئېلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ كەم دېگەندە ئىككىسىنىڭ خىتاي ماركىلىق ئاپتوموبىللار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

نورۋېگىيەدىكى ھەربىي مانېۋىردا ئىشلىتىلگەن ئىجارە ئاپتوموبىللارنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەسكەرلەرنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى ۋە پاروللىرىنىڭ خاتىرىلىنىپ قېلىشى دۆلەتتە خەۋپسىزلىك ئەندىشىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.

نورۋېگىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە، پايتەخت ئوسلودا سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىردا ئىجارە ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، ئاپتوموبىللاردىكى كامېرالارنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ھەرىكىتى، لىنىيەسى ۋە خەۋپسىزلىك پاروللىرىنى خاتىرىلىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئاپتوموبىللارنىڭ نورۋېگىيە ئارمىيەسى دائىم ئىشلىتىدىغان بىر شىركەتتىن ئىجارىگە ئېلىنغانلىقى، بۇلارنىڭ كەم دېگەندە ئىككىسىنىڭ خىتاي ماركىلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئەيىبلەشلەردىن كېيىن، «ئاپتوموبىللاردىكى كامېرالارنىڭ ساقلىغۇچلىرىنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجارە ئاپتوموبىللاردىكى كامېرالارنىڭ ھەربىي ئۇچۇرلارنى خاتىرىلىۋېلىشى نورۋېگىيەدە خەۋپسىزلىك ئەندىشىسىنى پەيدا قىلدى.

نورۋېگىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىجارە ئاپتوموبىل توختامنامىسىدە مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ سالاھىيەتسىز كىشىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۇفان ئەرھۈرمان قىبرىس رۇم رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
موسكۋانىڭ ترامپنىڭ باياناتىغا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
كۇبا نېفىت ساھەسىنى چەت ئەل مەبلىغىگە ئېچىش ئۈچۈن كونا قانۇنلارنى بىكار قىلدى
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
ترامپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىرانغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: بىخەتەر ئاشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنىڭ ئاساسلىق ئامىلى