تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
سىئاتىلنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئەسى ۋە جېيسون مىيېرسنىڭ رېكورت خاراكتېرلىك بەش قېتىملىق مەيدان توپى غەلىبىنى جەزملەشتۈردى.
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
سىئاتىل سىخاۋكس كوماندىسىنىڭ 67-نومۇرلۇق ماھىرى چارلېس كروس، يېڭى ئېنگلاند پاترىيوتس كوماندىسىغا قارشى دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقا LX مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ۋىنس لومباردى لوڭقىسى بىلەن تەبرىكلەۋاتىدۇ. / AFP

«Seattle Seahawks» كوماندىسى «Super Bowl» ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە «New England Patriots» كوماندىسىنى 29 گە قارشى 13 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، كۇلۇب تارىخىدىكى ئىككىنچى «Lombardi» لوڭقىسىغا ئېرىشتى. سىئاتىلنىڭ غەلىبىسىدە كۈچلۈك مۇداپىئە ئىقتىدارى ۋە جېيسون مىيېرسنىڭ بەش قېتىملىق مەيدان توپى (field goal) بىلەن ياراتقان «Super Bowl» رېكورتى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى.

«Seahawks»نىڭ ھۇجۇم تەشكىللىگۈچىسى سام دارنولد «چوڭ مۇسابىقىلەردە غايىب بولىدۇ» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا يەتتى. «Patriots» تەرەپتە بولسا، ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى درېيك ماينىڭ ئالتە قېتىم يىقىتىلىشى ۋە ئىككى قېتىم توپىنى ئالدۇرۇپ قويۇشى نەتىجە پەرقىنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولدى.

دەسلەپكى ئۈچ چارەكتە «touchdown» كۆرۈلمىگەن مۇسابىقە، ئاخىرقى چارەكتە ئىنتايىن ھاياجانلىق تۈس ئالدى. كېننېت ۋالكېر 135 يارد يۈگۈرۈش نەتىجىسى بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماھىرى  بولۇپ تاللاندى. بۇ زور پائالىيەت كالىفورنىيەدىكى «Levi's Stadium»دا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نەتىجە بىلەن سىئاتىل 2015-يىلى «Patriots»قا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقىنىڭ ئۆچىنى ئالغان بولدى.

خاركىۋ رايونىدىمۇ بىر ئايال ۋە بىر بالىنىڭ جەسىتى تېپىلغان بولۇپ، ئۈچ كىشى يارىلانغان. رۇسىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇكرائىنانى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ۋاشىنگتون ئۇرۇشنىڭ يىل ئوتتۇرىسىغىچە ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا، ئەمما، كىيېۋ بىلەن موسكۋا زېمىن مەسىلىسىدە ھېلىھەم بىرلىككە كېلەلمەيۋاتماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ
ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ماھارەت كۆرسىتىش جەريانىدا سوقۇلۇپ كەتتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىراق تەرەپتىن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتۇق
فىدان بىلەن ئاراقچى توختاپ قالغان ئامېرىكا-ئىران تىنچلىق سۆھبەتلىرى ھەققىدە سۆزلەشتى
ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ئىراقتا ئىككى مەخپىي ھەربىي بازا قۇرغان
مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) 7 جاسۇسنى قولغا چۈشۈردى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇش ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرققە تۆۋەن تەننەرخلىق يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى
خىتاي ۋە ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، غەززە شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
كۇبا ئەلچىسى: كۇبالىقلار ئامېرىكانىڭ مەخپىي ھەربىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ