تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك
تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەكتۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك / AA

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ئەھمەد يىلدىز، خەلقئارا قانۇنغا نىسبەتەن تاللاپ مۇئامىلە قىلىش خاھىشلىرىنىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، قوراللىق توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنى قوغداشنىڭ ئورتاق بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ بىر تۇتاش شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى ۋە غەززەدىن سۇدانغىچە بولغان بارلىق كىرىزىسلارغا جىددىي دىققەت قىلىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى.

ئاشكارا مۇنازىرە يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەد يىلدىز، بۇ مەسىلىنىڭ داۋاملىق ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

يىلدىز: «قوراللىق توقۇنۇشلاردا پۇقرالارنى قوغداش ئورتاق مەسئۇلىيەتتۇر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولۇشى كېرەك» دېدى.

قوش ئۆلچەمگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن يىلدىز: «خەلقئارا قانۇنغا نىسبەتەن تاللاپ مۇئامىلە قىلىش خاھىشلىرى، خەلقئارا قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلارغا بولغان ئىشەنچنى يوقىتىدۇ» دېدى.

قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان يىلدىز، 1963-يىلى بىلەن 1964-يىلى ئارىسىدا قىبرىس تۈركلىرىنىڭ «سىياسىي جەھەتتىن چەتكە قېقىلىش، زوراۋانلىق ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى» ئەسكەرتىپ، قىبرىسلىق تۈركلەرگە قارىتا سادىر قىلىنغان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارخىپلىرىدا ئېنىق خاتىرىلەنگەنلىكىنى» سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رايونلۇق كىرىزىسلارغا دىققەت قىلىش

ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان يىلدىز، ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدىكى ئىنسانىي ئەھۋالنىڭ «ناچارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى» ئېيتىپ، ئىككى دۆلەت لايىھەسىگە قاراپ ئىلگىرىلەش چاقىرىقىدا بولدى.

باش ئەلچى لىۋان مەسىلىسىدە «لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى» تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيە - لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى «ئۈستىگە باشقا ئىشلارنىمۇ قوشۇشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر قەدەم» دەپ تەسۋىرلىدى.

سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە يىلدىز، سۈرىيە خەلقىنىڭ «ھازىر بىخەتەرلىك، شەرەپ ۋە ھوقۇقتا باراۋەر پۇقرالىق ئاساسىدا پارلاق كېلەچەك بەرپا قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى» ئېيتىش بىلەن بىرگە، كونا ھاكىمىيەت دەۋرىدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى سۈرۈشتە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافرىقا مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان يىلدىز، سۇداندىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ «ئاپەت خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە جىددىي خەلقئارالىق مۇداخىلە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ، لىۋىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي دىيالوگنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

يىلدىز: «تۈركىيە جاۋابكارلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلانغىلى بولاتتى
ترامپ: دائېشنىڭ ئافرىقادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلدى
ئەردوغان مۇداپىئە، سۈنئىي ئەقىل ۋە تور خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا