ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىزجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئەفەس – 2026» ھەربىي مانېۋىرىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئەفەس – 2026» ھەربىي مانېۋىرىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، «پەقەت تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ساناقلىق بىرلەشمە، قوشما ۋە كەڭ كۆلەملىك مانېۋىرلارنىڭ بىرى بولغان <ئەفەس – 2026> ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن» ئىزمىردا بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىللىق مانېۋىرغا تۈركىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرگە 50 ئوخشىمىغان دۆلەتتىن 1300 نەپەردىن ئارتۇق دوست، قېرىنداش ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن ھەربىي خادىملارنىڭ قاتناشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

مانېۋىردا ئىشلىتىلگەن يەرلىك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىدىن سۆز ئاچقان جۇمھۇر رەئىس مۇنداق دېدى: «يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك، يەرلىك ۋە مىللىي دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىتىلگەن؛ پىلانلىنىشى، ئىجرا قىلىنىشى، قىسىملارنىڭ ماسلىشىشى، مەزمۇنى ۋە بېرىدىغان سىگنالى، شۇنداقلا بۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل بىلەن ئەفەس مانېۋىرى بىر مانېۋىر بولۇشتىنمۇ بەكرەك زور ئەھمىيەتكە ئىگە. (...) بۇ يەردە تەقىب قىلىش قۇۋۋىتىدىن باشقا، تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ قانداق بىر تەييارلىق، ئىرادە ۋە قەتئىيلىك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنىڭ مىسالى بار.»

ئەردوغان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا يېڭى تەڭپۇڭلۇق ۋە ئىتتىپاقلارنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، «لېكىن يەر شارى خاراكتېرلىك يېڭى بىر تەرتىپنىڭ قۇرۇلالمىغانلىقىنى» ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«دۇنيامىز سانى بىر قولنىڭ بارماقلىرىدىن ئاشمايدىغان چوڭ كۈچلەر تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ھازىرقى ھالەتتىن، كۆپ قۇتۇپلۇق ۋە كۆپ ئاكتىيورلۇق بىر قۇرۇلمىغا تېز سۈرئەتتە يۈزلەنمەكتە.

بۇ قىيىن جۇغراپىيەدە تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئارمىيەمىزنى كۈچلۈك ۋە تولۇق قوراللانغان ھالەتتە تۇتۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىمىز.

تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئويناۋاتقان رولى ناھايىتى مۇھىم. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىققا مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارشى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى داۋاملىق قوغدايمىز. غەززەدە، لىۋاندا ۋە رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدا بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنى پەرقلەندۈرمەي قەتل قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىق قوغدايمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئىران: بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلانغىلى بولاتتى
ترامپ: دائېشنىڭ ئافرىقادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلدى
ئەردوغان مۇداپىئە، سۈنئىي ئەقىل ۋە تور خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا