پەلەستىن بۇ پىلاننى «كونا شەھەرنىڭ قەلبىنى نىشانلىغان، مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتە يېڭى بىر باسقۇچقا يول ئاچىدىغان خەتەرلىك ئىشغالىيەت خاراكتېرلىك بېسىم» دەپ قارىماقتا.
پەلەستىننىڭ قۇددۇس ۋالىي مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ئەتراپىدىكى تەخمىنەن 20 مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇنى «يېڭى بىر ئىشغالىيەت خاراكتېرلىك بېسىم» دەپ سۈپەتلىدى.
ۋالىي مەھكىمىسى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى مەسجىدى ئەقساغا تۇتاش بولغان باب ئەل-سىلسىلە مەھەللىسىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىشنى، ئولتۇتۇشلۇق كىشىلەرنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىشنى ۋە يەھۇدىي ئولتۇراق رايونىنى كېڭەيتىشكە ئورۇن يارىتىش ئۈچۈن پەلەستىنلىك سودىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرىنى بوشىتىشنى مەقسەت قىلغان پىلاننى تەستىقلاشقا تەييارلانماقتا» دېدى.
باياناتتا، نىشانغا ئېلىنغان رايوندا ئەييۇبىيلار، مەملۇكلار ۋە ئوسمانلىلار دەۋرىگە تۇتىشىدىغان بىنالار بىلەن ئىسلامىي ۋەقىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تىن 20 گىچە پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۈلۈكلىرى بارلىقى قەيت قىلىندى.
ۋالىي مەھكىمىسى باب ئەل-سىلسىلە مەھەللىسىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ئېچىلىدىغان ئەڭ مۇھىم دەرۋازىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ مەھەللىنىڭ نىشان قىلىنىشىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىغا يەھۇدىيلاشتۇرۇشنى تېڭىش ھەمدە مەسجىدى ئەقسا ئەتراپىنى پەلەستىنلىك كىشىلەردىن خالىيلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
ۋالىي مەھكىمىسى بۇ پىلاننى «كونا شەھەرنىڭ قەلبىنى نىشانلىغان، مەجبۇرىي كۆچۈرۈشتە يېڭى بىر باسقۇچقا يول ئاچىدىغان ۋە تارىخىي پەلەستىن مۈلۈكلىرى ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغان خەتەرلىك ئىشغالىيەت خاراكتېرلىك بېسىم» دەپ باھالىدى.
قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان مەسجىدى ئەقسا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈچىنچى ئەڭ مۇقەددەس جايى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ۋە قانۇنسىز كۆچمەن يەھۇدىيلار جەمئىيەتلىرىنىڭ، ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا، بولۇپمۇ كونا شەھەر، شەيخ جەرراھ ۋە سىلۋان مەھەللىلىرىدە دۇكان-ئۆيلەرنى بوشىتىش قارارلىرى ۋە مۈلۈكدارلىق دەۋالىرى ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم قىلىنماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن تۇپراقلىرىدا يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنى «قانۇنسىز» دەپ قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇلارنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئېھتىماللىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلمەكتە.
پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇستا پەلەستىنلىكلەرنىڭ قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى چەكلەش يۆنىلىشىدە بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، شەھەردىكى قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

















