SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇئېلون ماسكنىڭ SpaceX شىركىتى رېكورت خاراكتېرلىك كۆلەمدە پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ.
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ / Reuters

مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بىر سېتىش پائالىيىتى ئېلون ماسكنىڭ SpaceX شىركىتىنىڭ قىممىتىنى رېكورت خاراكتېرلىك 1 تىرىليون 750 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشى ۋە شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسكنى تارىختىكى تۇنجى تىرىليونېرغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن.

SpaceX پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش (IPO) ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇش ۋە مالىيە خاتىرىلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بازىرىدا تارىخىي بىر قەدەم تاشلاشقا زېمىن ھازىرلىدى. شىركەت قىممىتىنى 1 تىرىليون 750 مىليارد دوللارلىق رېكورت سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغان بۇ پاي چەكلىرىنى ئاشكارا سېتىش جەريانىدا 75 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق كىرىم قىلىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ SpaceX نى ئېلون ماسكنى دۇنيادىكى تۇنجى تىرىليونېرغا ئايلاندۇرالايدىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىمپېرىيەسىدە قىممىتى 1 تىرىليوندىن ئاشقان ئىككىنچى شىركەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

2002-يىلى قۇرۇلغان SpaceX قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتالىرى ۋە ئالدىنقى يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن 18 مىليارد 670 مىليون دوللارلىق كىرىمنىڭ زور بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان Starlink سۈنئىي ھەمراھ تورى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقى تېخنولوگىيەسىدە رېكورت ياراتتى.

شىركەت ماسكنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەتقىقات ئورنى xAI بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، راكېتا بۆلۈمىنىڭ قىممىتى 1 تىرىليون دوللار، سۈنئىي ئەقىل بۆلۈمىنىڭ قىممىتى بولسا 250 مىليارد دوللار قىلىپ بېكىتتى.

ماسكنىڭ SpaceX ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرى ئارىسىدا مارسنى ئىنسانلارنىڭ كۆچمەن بولۇپ ياشاش پائالىيەتلىرىگە ئېچىۋېتىش ۋە ئالەم بوشلۇقىنى ئاساس قىلغان سۈنئىي ئەقىل سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلار بار.

بۇ يىل 12-ئىيۇل كۈنىلا «SPCX» كودى بىلەن Nasdaq بازىرىدا پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىشنى پىلانلاۋاتقان شىركەت، Goldman Sachs ۋە Morgan Stanley غا ئوخشىغان چوڭ پۇل - مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى بۇ ئىشنىڭ ۋاسىتىچى ئورگىنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. بۇ تاشلانغان تارىخىي قەدەمنىڭ OpenAI ۋە Anthropic قا ئوخشىغان باشقا چوڭ سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىران: بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلانغىلى بولاتتى
ترامپ: دائېشنىڭ ئافرىقادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلدى
ئەردوغان مۇداپىئە، سۈنئىي ئەقىل ۋە تور خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا