تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 573 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1453-يىلى ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 573 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 573 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 573 - يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1453-يىلى ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ  شەھەرگە تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە يېڭىلىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ تارىختىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 573 – يىللىق خاتىرە كۈنىدە، بۇ ۋەقەنى پەقەت تارىخىي بىر ھەربىي غەلىبە دەپلا ئەمەس، بەلكى شەھەرگە تىنچلىق، خەۋپسىزلىك ۋە يېڭىلىنىش ئېلىپ كەلگەن بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ سۈپەتلىدى.

جۈمە كۈنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل شەھەرلىك شۆبىس تەرىپىدىن خەلىج قۇرۇلتاي مەركىزىنىڭ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىستانبۇلنىڭ پەتھىدىن كۆڭۈللەرنىڭ پەتھىگىچە» پىروگراممىسىدا، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 573 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى دائىرىسىدە سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ رەھبەرلىكىدىكى 1453-يىللىق پەتھىگە قاتناشقانلارنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«بۇ ئەھمىيەتلىك كۈندە، بۇنىڭدىن دەل 573 يىل ئىلگىرى ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان، بۇ شەھەرنىڭ سېپىللىرىدا شېھىت بولغان، غازى بولغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزنى، مەشھۇر زاتلىرىمىزنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ياد ئېتىمەن. تېخى 21 يېشىدىلا ئىستانبۇل پەتھىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەنە شۇ شەرەپلىك قومانداننىمۇ ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ «پەقەت بىرلا بۈيۈك غەلىبە» ياكى پەقەت «بىر دەۋرگە خاتىمە بېرىپ، يېڭى بىر دەۋرنى ئاچقان ۋەقە» لا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ كۆز قارىچۇقى بولغان بىر شەھەردە زۇلمەتنىڭ نۇرغا ئايلىنىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى، جان ۋە مال بىخەتەرلىكى بولمىغان بىر شەھەردە ئەسىرلەر بويى داۋاملىشىدىغان بىر خاتىرجەملىك ۋە خەۋپسىزلىك مۇھىتىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدۇر. ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى؛ ھەرقانداق مىللەتكە، ھەرقانداق ئېتىقادقا، ھەرقانداق قاراشقا ئۇ كۈنگىچە كۆرسىتىلمىگەن كەڭ قورساقلىقنىڭ كۆرسىتىلىشى، بېرىلمىگەن قىممەتنىڭ بېرىلىشىدۇر. ئىستانبۇلنىڭ پەتھى؛ جۇغراپىيە ئۈچۈن پىتنىخورلۇق تارقىتىدىغان بىر مەركەزنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ ئورنىغا، تاكى قىيامەتكە قەدەر ئۆچمەيدىغان ھەق ۋە ھەققانىيەت مەشئېلىنىڭ يېقىلىشىدۇر.»

ئىستانبۇل: تۈركىيەنىڭ «كۆز قارىچۇقى»

مەرھۇم تارىخچى خېلىل ئىنالجىقنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن ئەردوغان، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ پەتھىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كونستانتىنوپولنى فوندى جەمئىيەتلەر ھەمدە ئاممىۋى ئورگانلار ئارقىلىق ھەيۋەتلىك بىر تۈرك – ئىسلام شەھىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئىستانبۇل چوقۇم پەتھى قىلىنىدۇ؛ ئۇنى پەتھى قىلغان قوماندان نەقەدەر ياخشى قوماندان، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى نەقەدەر ياخشى ئەسكەرلەر!»

ئىستانبۇلنىڭ پەتھىنى 1071-يىلىدىكى مالازگىرت جېڭى بىلەن باشلانغان غەلىبە زەنجىرىنىڭ ئەڭ پارلاق ھالقىسى دەپ تەسۋىرلىگەن ئەردوغان، بۇنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ غايىلىرىنى بويلاپ ماڭغاندا نېمىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ 1453-يىلىدىن بۇيان مىللەتنىڭ كۆز قارىچۇقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پەتھىنىڭ مىراسلىرىغا يەنىلا قارشى چىقىۋاتقانلارنى تەنقىد قىلدى. ئۇ ئىستانبۇلنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش چاقىرىقلىرىنى ياكى شەھەرنىڭ تارىخىي كىملىكىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى، پەتھىنى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن مىراسلىرىنى ھەزىم قىلالمىغان بىر توقۇنۇشنىڭ ئەكىس ئېتىشى دەپ ئاتىدى.

ئىزدىنىڭ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
لىۋان پىرېزىدېنتى: «ئىسرائىلىيەنىڭ تامامەن چېكىنىشى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى مۇھىم ئىشىدۇر» دېدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئىجابىي، ھۇرمۇزدىكى قامال داۋاملىشىدۇ»
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى