كۇئالالامپۇر دائىرىلىرى «يەر شارى سۇمۇد» ياردەم كېمە ئەترىتىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە توسۇۋېلىنىشى جەريانىدا پائالىيەتچىلەرنىڭ تۇتۇن قىلىنغانلىقى ۋە قىيناشقا دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالار سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە قانۇنىي ئەرز مۇساپىسى باشلاشقا تەييارلىق قىلماقتا.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا ھۆكۈمىتى غەززەگە قاراپ يول ئالغان «يەر شارى سۇمۇد» ئىنسانىي ياردەم كېمە ئەترىتىدىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قىيناشقا دۇچ كەلگەنلىكى دەۋاسى بىلەن ئىسرائىلىيەنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا تەييارلانماقتا.
Malay Mail نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيانىڭ سېلانگور ئىشتاتى باش مىنىستىرى ئەمىرۇدىن شارى ئادۋوكاتلار ئۇچۇر ۋە قوللايدىغان پاكىتلارنى توپلاش تاماملانغاندىن كېيىن كۇئالالامپۇرنىڭ دېلو مۇساپىسىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
غەززەگە ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ دېڭىز قامالىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان كېمە ئەترىتىدىكى 400 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق پائالىيەتچى، ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.
ئەمىرۇدىن، كۇئالالامپۇر خەلقئارا ئايرودرومىدىكى «يەر شارى سۇمۇد كېمە ئەترىتى 2.0» نى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز، توختاپ قالمايمىز. قانۇن گۇرۇپپىسى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا ئائىت پۈتۈن ھۆججەتلەرنى توپلىماقتا، ئۇلار بىر قانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىندى، قىينالدى» دېدى.
ئۇ يەنە: «بۇنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە سۇنىمىز، دىپلوماتىك بېسىمنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە مالايسىيانىڭ تۆت تەرىپىدە خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئەمىرۇدىن قانۇنىي قەدەمنىڭ ئالاھىدە قىلىپ كېمە ئەترىتى پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان ۋە مالايسىيالىق قاتناشقۇچىلارمۇ ئىچىدە بار بولغان تۇتۇن قىلىش ۋە قىيناشقا ئوخشاش ۋەھشىلىكلەردىن كېيىن تاشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ مۇساپىنىڭ ئارقىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ غەززەنىڭ «تولۇق ئەركىنلىكى» تەلىپى بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغان دىپلوماتىك بېسىمىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمىرۇدىن «يەر شارى سۇمۇد كېمە ئەترىتى 2.0» نىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، مالايسىيا ۋە سېلانگورنىڭ پەلەستىن دەۋاسىغا بولغان سادىقلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قوللاش خىزمەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە كەلگۈسىدە پەلەستىنگە ئالاقىدار خەلقئارالىق كونفېرانسلارنىڭ مالايسىياغا ئېلىپ كېلىنىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمىرۇدىن سۇمۇد 3.0 نىڭ غەززە قامالى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغۇچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.



















