خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى
سەھىيە مەسئۇللىرى، بۇ ئىنتايىن يۇقۇملۇق ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىتۇرى ۋىلايىتىدە پۈتۈن ئىجتىمائىي ۋە تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى / AP

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە سەھىيە مەسئۇللىرى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتىكى يۇقۇمدا ئېبولا ۋىرۇسى كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 100 دىن ئاشقان بولۇپ، يۇقۇملىنىش تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە.

ئۇچۇر - ئالاقە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، 23-مايغىچە بولغان سانلىق مەلۇمات مەنبە قىلىنىپ، 15-مايدا ئىتۇرى ۋىلايىتىدە باشلانغان يۇقۇمدىن بۇيان كونگودىكى 11 سەھىيە رايونىغا تەسىر كۆرسەتكەنلى ۋە 900 دىن ئارتۇق گۇمانلىق ئەھۋال خاتىرىگە ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئېبولا يۇقۇمى ئىتۇرى، شىمالىي كىۋۇ ۋە جەنۇبىي كىۋۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتە ئاكتىپلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مىنىستىرلىق: «سەھىيە مەسئۇللىرى تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلاردا كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە ئاڭلىقلىقنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئېھتىياتچان بولۇش ۋە ئالدىن ئېلىش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىش ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كونگودا ئاز دېگەندە يەتتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ebola epidemic threatens ten more countries: Africa CDC

پائالىيەتلەر توختىتىلدى

ئۇگاندا سەھىيە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى يېڭىدىن ئۈچ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ۋە نۆۋەتتىكى يۇقۇمدىن بۇيان دۆلەتتە جەزملەشتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ بەشكە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

كونگولۇق مەسئۇللار، يۇقۇمنىڭ مەركىزى بولغان ئىتۇرىدا ئېبولانىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تەنھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى توختاتتى.

ئافرىقا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، رۇئاندا، كېنىيە، تانزانىيە، ئانگولا، بۇرۇندى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو جۇمھۇرىيىتى، ئېفىئوپىيە، جەنۇبىي سۇدان ۋە زامبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دۆلەت ئېبولا يۇقۇمى خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى «ئىنتايىن يۇقىرى» سەۋىيەگە چىقاردى، كونگوغا قوشنا بەزى دۆلەتلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن كونگودىن كېلىدىغان ساياھەتلەرنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك