لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەۋن: «ئىسرائىلىيەنىڭ تامامەن چېكىنىشىگە ئېلىپ بارىدىغان يول، لىۋان دۆلىتىنىڭ مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئۆزگەرمەس بىر دۆلەت قەتئىيلىكىدۇر» دېدى.
ئەۋن ئىسرائىلىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ «بىر يول قويۇش ياكى تەسلىم بولۇش ھەرىكىتى بولمايدىغانلىقىنى»، بۇنىڭ ئەكسىچە لىۋاننىڭ ئۆز تۇپراقلىرىنى ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئارقىلىق قوغداش يۆنىلىشىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تىرىشچانلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ باياناتلار، ئىسرائىلىيەنىڭ 22 يىللىق ئىشغالىيەتتىن كېيىن لىۋاننىڭ 2000-يىلى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىن چېكىنگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن «قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئازادلىق كۈنى» نى تەبرىكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
بەيرۇت ۋە تېل ئاۋىۋ، مەڭگۈلۈك بىر تىنچلىق تەرتىپى ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە ئاپرېل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىقىدا ئۈچ قېتىم بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
17-ئاپرېلدا كۈچكە ئىگە بولغان ۋە كېيىنچە ئىيۇل ئېيىنىڭ باشلىرىغىچە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا.
لىۋانلىق مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۆۋەتتىكى توقۇنۇش جەريانىدا 2-مارتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا لىۋاندا 3100 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، 9500 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ۋە تەخمىنەن 1.6 مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.


















