خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
ترامپنىڭ باياناتلىرى رايوندا كۈنلەردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەردىن كېيىن، ئىران ۋە ئامېرىكا كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا كېچە بويى يۈز بەرگەن ئۆزئارا ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدىنلا ئوتتۇرىغا چىقتى.
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ واشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىككە خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغان كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىش مۇساپىسىنى «بەك ئۇزۇن سوزىۋەتكەنلىكىنى» ۋە ئىراننىڭ جەزمەن «بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ئىران ئارمىيەسى تولۇق بىر قالايمىقانچىلىق ئىچىدە تۇرماقتا. دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا كۈچلىرىنىڭ چوڭ بىر قىسمى ئەمدى مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىران پەقەت سۆزلەپلا يۈرىيدۇ، ئەمەلىيەت يوق. يېقىن شەرقنىڭ زوراۋانى ئۆلدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن قالتىس بولىدىغان بىر كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىشتا بەك ئۇزۇن ۋاقىت غەپلەتتە قالدى (ۋاقىت ئۆتكۈزدى)؛ ئەمدى بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ!»

ترامپنىڭ بۇ باياناتلىرى رايوندا بىر قانچە كۈن داۋاملاشقان ھەمدە ئىسرائىلىيە بىلەن ئىراننىڭ ئۆزئارا ھەربىي ھۇجۇملارنى قىلىشىپ، ئارقىدىنلا قايتا چېكىنگەن، جىددىيلىك دولقۇنلىرى سىلكىنگەن بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىران ۋە ئامېرىكا كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا كېچە بويى يۈز بەرگەن ئۆزئارا ھۇجۇملارنىڭ ئارقىسىدىنلا مەيدانغا كەلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە «ئاپاچى» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىگە جاۋابەن، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى ئىران ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ۋە رادار مەيدانلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى بولسا، رايوندىكى ئامېرىكا ھاۋا ۋە دېڭىز بازىلىرىدىكى 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا قارىتا قايتۇرما زەربە بېرىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ترامپ ئايرىم يەنە بىر ئۇچۇرىدا، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان دېڭىز قامالىنىڭ ئۈنۈمىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەزكۇر قامالنى «دېڭىز ئۇرۇشلىرى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق قامال» دەپ سۈپەتلىدى.

ترامپ: «بىز ئۆزىمىز خالىمىغانلا بولساق، ھېچقانداق نەرسە بۇ يەردىن ئۆتەلمەيدۇ. بۇ خۇددى پولات بىر تامدۇر. ئىران ھېچقانداق ئىش قىلالمايۋاتىدۇ، ئۆز ئارمىيەسىگە مائاش بېرەلمەيۋاتىدۇ. ھەر قانداق بىر تۈردىكى چىقىم تالونىنى تۆلەش ئىقتىدارى يوق ۋە سۈرئەت بىلەن مەغلۇپ بولغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىۋاتىدۇ. ئىنتايىن كۆپ مىقداردا نېفىت سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇن» ئىبارىلىرىنى قوللاندى.

ترامپ «Fox News» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىراننىڭ ئۇزارتىلغان مۇزاكىرىلەردە ئامېرىكانى «ۋاقىت سوزۇپ ئالداشقا» ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ ئېنېرگىيە پونكىتلىرىغا ۋە كۆۋرۈكلىرىگە قارىتا يېڭى ھۇجۇم بۇيرۇقى بېرىشكە ئىنتايىن يېقىن تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى ئىككى پىلوت پارتلاشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋاتقان (مانېۋىر قىلىۋاتقان) پەيتتە، ئىرانغا تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئارىلىقىغا قىسىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US launches massive air strikes on Iran as tensions spiral into dangerous new phase
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى