سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
مىنىستىر فىدان ھىندىستاننى ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىشقا چاقىردى. ھىندىستانلىق بىر دىپلومات يېقىنقى ئالاقىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي بېشارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 2026-يىلى 2-ئىيۇن سىنگاپوردىكى خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا (IISS) نۇتۇق سۆزلىمەكتە. / Reuters

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە بىلەن ھىندىستاننى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا چاقىردى. ئۇ، ئەنقەرەنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىدىن كېلىپ چىققان پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ رايوندىكى بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنى راففېلس يىغىنىنىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا سۆز قىلغان فىدان، تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا تىلغا ئالغۇدەك ئىككى تەرەپلىك توقۇنۇش تارىخى ۋە ھەل قىلىنمىغان چېگرا مەسىلىسى يوقلۇقىنى، ئەكسىچە ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە ئورۇنلۇق سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر فىدان ئەنقەرەنىڭ پاكىستان بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخىي ھەمكارلىق ئاساسىدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دېھلى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە مەلۇم مەسىلىلەردە پاكىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ۋە تارىخىي ھەمكارلىق ئىچىدە بولغان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس» دېدى.

تۈركىيەنىڭ باشقا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مىسال كۆرسەتكەن فىدان، دۆلەتلەرنىڭ پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ئايرىم بىر تەرەپ قىلىپ، ئورتاق مەنپەئەت ساھەلىرىدە ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەسىلەن، مەلۇم مەسىلىلەردە رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەنمۇ پىكىر ئىختىلاپلىرىمىز بار، ئەمما بىز بىر سەلبىي مەسىلىنى باشقىسىدىن ئايرىيالايمىز. يەنى بەزى مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىجابىي كۈنتەرتىپ بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز. مېنىڭچە تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىش دەل مۇشۇ، چۈنكى بىز بىرلىكتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، بىر-بىرىمىزدىن مەنپەئەتلىنەلەيمىز؛ بىز بۇ يۆنىلىشتە مېڭىشقا يېتەرلىك دەرىجىدە پىشىپ يېتىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، 2025-يىلى ماي ئېيىدىكى تۆت كۈنلۈك ھىندىستان-پاكىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن قىيىن بىر باسقۇچقا قەدەم قويغان ئىدى. يېڭى دېھلى كىرىزىس جەريانىدا ئەنقەرەنىڭ پاكىستاننى قوللىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ كېيىنچە ئۇرۇشنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان، كەشمىرنىڭ ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى قىسمىدا 2025-يىلى 22-ئاپرېل كۈنى پۇقرالارغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تۇنجى بولۇپ «قەبىھ ھۇجۇم» دەپ ئەيىبلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تىلغا ئېلىش زۆرۈر. ئەمما تۈركىيە، ھىندىستاننىڭ 2025-يىلى 6-ماي كۈنى پاكىستاندىكى پۇقرالارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئىسلامئابادنىڭ تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى قوللىغان ئىدى.

قايتىدىن دىپلوماتىك ئالاقە ۋە ئورتاق مەنپەئەت كۈنتەرتىپى

مىنىستىر فىداننىڭ بۇ سۆزلىرى، ئۆتكەن يازدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن پەيدا بولۇپ داۋاملىشىۋاتقان جىددىيچىلىك مەزگىلىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن دىپلوماتىك ئالاقە بېشارەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. ھىندىستان ئاپرېل ئېيىدا، تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك ھىندىستان-تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مۇائۋىن مىنىستىىرى بەررىس ئەكىنجىنى يېڭى دېھلىغا تەكلىپ قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئومان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە باش ئەلچى بولۇپ ئىشلىگەن تەجرىبىلىك ھىندىستانلىق دىپلومات تالمىز ئەھمەد فىداننىڭ سۆزلىرى ۋە يېقىنقى تەرەققىياتلارنىڭ ئەنقەرە-يېڭى دېھلى مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ئىجابىي بېشارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ھەر ئىككى تەرەپتە ئۆتمۈشنى ئۆتمۈشتە قالدۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى كۆرۈش نىيىتى بارلىقى كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. مېنىڭچە ئىجابىي تەرەپتە بىر-بىرىمىز بىلەن قىلالايدىغان ئىشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ» دېدى.

تالمىز ئەھمەد تۈركىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ياسىمىچىلىق، ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى ۋە ئەشيا ئوبوروتى ساھەلىرىدىكى كۈچلۈك ئورنىغا ئىشارەت قىلىپ: «تۈركىيە ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇھىم بىر رولچى. ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى ۋە سودا كارىدورى مەسىلىلىرىدە ئۆزگىچە تەجرىبىگە ئىگە» دېدى.

ئەھمەد غەربىي ئاسىيادىكى تۇراقسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنقەرە بىلەن يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ: «غەربىي ئاسىيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستان ۋە تۈركىيە بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك. ھەر دائىم ئوخشاش پىكىردە بولماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما بىر-بىرىمىز بىلەن تاشقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىز لازىم» دېدى.

مەدەنىيەت رىشتىسى ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەرنىڭ رولى

ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن سىرت، تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچلۈك مەدەنىيەت رىشتىسىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردا ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەر ئارىسىدا بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشكەن تۈركىيە، بولۇپمۇ ئىستانبۇل ۋە ئاقدېڭىز قىرغاقلىرى بىلەن ھەشەمەتلىك ھىندىستان تويلىرى ئۈچۈن تاللىنىدىغان ئاساسلىق جايغا ئايلاندى. بۇ رىشتىلەر كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلەندى. تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنغان بەزى بوللىۋود فىلىملىرى ۋە ھىندىستاندا قويۇلغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، ئىككى جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت رىشتىسىنىڭ كۈچيىشىگە تۆھپە قوشتى. بۇ ئالاقىنىڭ ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر مىساللىرىدىن بىرى، بوللىۋود چولپىنى ئامىر خاننىڭ 2017 ۋە 2020-يىللىرىدىكى تۈركىيە زىيارەتلىرى بولدى.

ئەھمەد ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتىن سىرت، كېسەك ئالتۇن گۇرۇھى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلىك سۇپىلارنىڭمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرى يارىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلەرنى ئورتاقلاشقاندا، دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك پىكىر ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويالايدىغانلىقىنى، ھىندىستان بىلەن تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك رولچىلار سۈپىتىدە ھەمكارلىشىشىنىڭ كۆپ تەرەپلىك تەشەببۇسلارنى ۋە «يەر شارى جەنۇبى» بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىر فىدان بولسا، تۈركىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن ئىككى تەرەپلىك سەۋىيەدە ھېچقانداق مەسىلىسى يوقلۇقىنى تەكرارلاپ، يېڭى دېھلىدىن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى پەقەت ئەنقەرەنىڭ ئىسلامئاباد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىنلا كۆرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى ۋە: «ھىندىستاننى مەسىلىگە باشقىچە بىر نۇقتىدىن قارىماسلىققا چاقىرىمىز» دېدى.

تەجرىبىلىك دىپلومات ئەھمەد نۆۋەتتىكى دىپلوماتىك تەرەققىياتلار ئاساسىدا، يېڭى دېھلىنىڭ ئىجابىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ھىندىستاننىڭ ئىنتايىن ئىجابىي جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى كۆرىسىز» دېدى.

نۆۋەتتە، ھەم ئەنقەرە ھەم يېڭى دېھلى بەزى پىكىر ئىختىلاپلىرى بولۇشىغا قارىماي، دىيالوگ ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئىجابىي سىگناللارنى بەرمەكتە. مىنىستىر فىدان تەكىتلىگەندەك، ئەڭ مۇھىم بولغىنى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى «بىر چەتكە قايرىپ قويۇش» ۋە مەۋجۇت بولغان تېخىمۇ كەڭ پۇرسەتلەرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

 

ئىزدىنىڭ
شەرقىي قارادېڭىزدىن 115 دۆلەتكە 831 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىندى
بالقان رەھبەرلىرى قاراتاغدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راخمان: تۈركىيە ئىنتايىن مۇھىم شېرىك
ترامپ: كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە، ئىراننىڭ يېڭى رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن «شەرەپ ھېس قىلىمەن»
ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 7 يىلدا 4,41 مىليارد لىرا مەبلەغ سېلىپ، 7.62 مىليارد لىرا تېجەپ قالدى
زېلېنسكىي پۇتىننى تۈركىيە قاتارلىق بىتەرەپ بىر دۆلەتتە بىۋاسىتە كۆرۈشۈشكە چاقىردى
«رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك بېسىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان 707 ئۇكرائىنالىق بالىنى ئۆلتۈردى»
«ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ۋە كانادا قاتارلىق 40 ئەزا دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك»
تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستان 9-نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىساد كومىتېتى كېلىشىمى ئىمزالىدى
دۇنيا ئىسلام ئىقتىسادى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
تۈركىيە: گىرېتسىيە ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپنىڭ قوراللىنىش پائالىيەتلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە
قىرىمدا جىددىي ۋەزىيەت: ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى: «ئۇرۇش داۋاملاشقان تەقدىردە، ئىران بارلىق سىنارىيەلەرگە تەييار»
چىلىدا تېجەش تەدبىرلىرىگە قارشى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى زوراۋانلىققا ئايلاندى، ئونلىغان ئادەم يارىلاندى
ترامپ: «تېھران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرمىگۈچە ئاشكارە ئۇرۇش توختىتىشنى ئاخىرلاشتۇرمايمەن»