ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بۇ يىل يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەۋب بولغان توقۇنۇشلار قايتىدىن ئەۋج ئالدى، ئافغانىستان-تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئۈچ ئۆلكىسىگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 11 كىچىك بالىنى قوشقاندا كەم دېگەندە 13 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇجاھىد چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قۇنار، خوست ۋە پاكتىكا ئۆلكىلىرىدىكى ھۇجۇملاردا، ھەممىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ كەم دېگەندە 14 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
پاكىستان ئارمىيەسى ياكى ھۆكۈمىتى تەرەپتىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى، ئامانلىق مەسئۇللىرى رېيتېرس ئاگېنتلىقىغا: «قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ پاكىستانغا قارشى ئىشلىتىۋاتقان پاناھجايلىرى ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىگە» قارىتا ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
پاكىستان ھۆكۈمىتى كابۇلنى «پاكىستانغا ھۇجۇملار پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تېررورچىلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى، تالىبان تەرەپ بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى.
فېۋرال ئېيىدا يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تىنچلىق، قايتىدىن ئەۋج ئالغان بۇ قېتىمقى زوراۋانلىقنىڭ ئەكسى تەسىر كۆرسىتىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا.
ئىككى دۆلەت مارت ئېيىدا سەزگۈر بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا ۋاسىتچىلىق قىلىشقا تىرىشقان ئىدى.

















