يەمەن ئارمىيەسى ئاخىرقى 24 سائەتتە ئېلىپ بېرىلغان 414 قېتىملىق ھەرىكەت بىلەن خۇسىيلارغا ئائىت ئۇنسۇرلارنىڭ ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەمەن ئورگان خەۋەر ئاگېنتلىقى SABA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەن ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ماجىد ئەننۇزەيلى: «قىسىملىرىمىز ئاخىرقى 24 سائەت ئىچىدە خۇسىيلارنىڭ ھەربىي تولۇقلىمىلىرىغا ۋە ئىقتىدارلىرىغا قارىتىلغان 414 قېتىملىق ئېنىق نىشانغا ئېلىش ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
نۇزەيلى، «ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ بۇ نىشانغا ئېلىشلاردا تۈرلۈك سەپلەردە زامانىۋى ۋە پەرقلىق ئىمكانىيەتلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى» بىلدۈرۈپ، ھەرىكەتلەردە خۇسىيلارغا ئائىت نۇرغۇن ئۇنسۇر ۋە ئۈسكۈنىلەرنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
خۇسىيلار بۇ باياناتلارغا ئالاقىدار تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
يەمەن خۇسىيلارنىڭ 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا ۋە بەزى ئۆلكىلەرنى ئىشغال قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن باشلانغان ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان يېتەكچىلىكىدىكى ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللىماقتا.
تائىز، مارىب، ئەلجەۋف، ئەلبەيدا ۋە لاھىج فىرونتلىرى، 2022-يىلى ئاپرېلدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئارقىسىدىن كۆرۈلگەن نىسبەتەن تىنچلىقتىن كېيىن، 2026-يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا باشلانغان توقۇنۇشلارنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەملىكلىرىگە سەھنە بولماقتا.
سېنتەبىر ئېيى بويىچە توقۇنۇشلا كەسكىنلەشكەن بولۇپ، خۇسىيلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەلمۇخا شەھىرى ۋە بابۇلمەندەب بوغۇزىدىكى مەييۇن ئارىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇدەيدە ۋە تائىز ئۆلكىلىرىدىكى بەزى ھالقىلىق نۇقتىلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



















