خىتاي ياپونىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى تاجاۋۇزچىلىق تارىخىدىن ساۋاق ئالماي، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپكە خىرىس قىلىپ، مىلىتارىزمغا قايتقان ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنغان تەقدىردە، ئۇنىڭ كەلگۈسى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مىنىستىر ۋاڭ يى پايتەخت بېيجىڭدا خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيە خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى (JAPIT) نىڭ رەئىسى تاكېشى ئىۋايانى قوبۇل قىلغان.
ۋاڭ كۆرۈشۈشتە بۇ يىلنىڭ 1939-يىلدىن 1945-يىلغىچە داۋاملاشقان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپون ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتلانغان توكيو سوتلىرىنىڭ 80 يىللىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ياپونىيە تارىختىن ساۋاق ئالمىسا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ‹تىنچلىق ئاساسىي قانۇنى›غا خىرىس قىلىپ، ئۆتمۈشتىكى تاجاۋۇزچىلىقنى قايتا جانلاندۇرۇشقا ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تىرىلدۈرۈشكە ئۇرۇنسا، كەلگۈسىگە ئىلگىرىلەش تۈگۈل، دۇنياغا يۈزلىنەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ» دېگەن.
خىتاي مىنىستىرى: «ياپونىيە ئۈچۈن نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە — رەھبەرلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدىكى خاتا سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنى تۈزىتىش، تارىخىي مەسىلىلەرگە توغرا پوزىتسىيە تۇتۇش ۋە خىتايغا قارىتا ئەقلىي، ئوبيېكتىپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك
ۋاڭنىڭ سۆزلىرى بېيجىڭ بىلەن توكيو ئوتتۇرىسىدا، ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائېنىڭ خىتاي بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسى بار تەيۋەنگە ھەربىي ئارىلىشىش ئېھتىماللىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن سۆزلىرىدىن كېيىن باشلانغان دىپلوماتىك جىددىيچىلىكنىڭ داۋامى، دەپ قارالماقتا.
باش ۋەزىر تاكائىچىنىڭ 2025-يىلى 7-نويابىر ياپونىيە پارلامېنتى دىيېتتىكى يىغىندا، تەيۋەن بوغۇزىغا ئارىلىشىشنى «دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان ئەھۋال» دەپ باھالايدىغانلىقى ۋە «ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكى» توغرىسىدىكى سۆزلىرى، بۇ رايوننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.
تاكائىچى بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق بىر ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەن ئىشغال قىلىنغان تەقدىردە ياپونىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە قوللىنىپ كەلگەن «ئىستراتېگىيەلىك مۈجمەللىك» سىياسىتىدىن پەرقلىق پوزىتسىيە تۇتقانىدى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى نارازىلىقلاردىن كېيىن، تەيۋەن ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ پەرەز خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدە بۇ خىل باھالاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما سۆزلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغانىدى.
بېيجىڭ دائىرىلىرى تاكائىچىنىڭ سۆزلىرى سەۋەبىدىن ياپونىيەگە نارازىلىق ئۇلتىماتومى تاپشۇرغانىدى. كىرىزىس ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدىن ئايروپىلان قاتنىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغىچە، كونسېرتلارنىڭ توسۇلۇشىدىن ئىمپورت چەكلىمىسىگىچە، سىياسىي تالاش-تارتىشتىن ھەربىي سۈركىلىشكىچە كېڭەيگەنىدى.





















