سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتقا قارىغاندا، رۇبىيو بىلەن بىن فەرھان كۆرۈشۈشتە ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى باھالىغان.
باياناتتا، ئىككى مىنىستىرنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، يەمەندىكى ۋەزىيەت، رايوندىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ۋە باشقا خەلقئارا ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەرەپلەر يەنە رايون مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇش، دۇنيا سودىسى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ ھورمۇز بوغۇزى ۋە بابۇلمەندەب بوغۇزى قاتارلىق خەلقئارا ئۆتۈشمە يوللاردا دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ۋە دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
يەمەندىكى توقۇنۇشلار
يەمەندە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردە پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنى كونتروللۇقىغا ئالغاندىن كېيىن باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.
تەئىز، مارىب، ئەلجەۋف، ئەلبەيدا ۋە لەھىج فرونتلىرىدا 2022-يىلى ئاپرېلدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن بىر مەزگىل نىسپىي تىنچلىق ساقلانغانىدى. ئەمما بۇ رايونلاردا 2026-يىلى 7-ئاينىڭ بېشىدىن بۇيان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.
سېنتەبىر بويى توقۇنۇشلار تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. ھۇسىيلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەلمۇخا شەھىرى ۋە بابۇلمەندەب بوغۇزىدىكى مەييۇن ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇدەيدە ۋە تەئىز ۋىلايەتلىرىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلارنى كونتروللۇقىغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.





















