تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
مىنىستىر فىدان N ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ھېسابىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، نىيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى دائىرىسىدىكى پائالىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىدان پايتەخت ئەبۇزەبىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇئاۋىن رەئىس مەنسۇر بىن زايىد ئال نەھيان ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى تەھنۇن بىن زايىد ئال نەھيان بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خاقان فىدان ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«بۇ زىيارەت دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە رايونىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى باھالاش جەھەتتىن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولدى. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە رايونىمىزنىڭ تىنچلىقى، پاراۋانلىقى ئۈچۈن دىپلوماتىك ئالاقىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»























