جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتىجۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پىرابوۋو سۇبيانتو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كۆرۈشۈشتە تۈركىيە بىلەن ھىندونېزىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق سورۇنلاردىكى ھەمكارلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى، بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ تۈركىيە بىلەن ھىندونېزىيەگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن تېمىلاردا ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بۇ يۆنىلىشتە قەدەم تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۇبيانتونى 9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31- نۆۋەتلىك يىغىنىغا (COP31) تەكلىپ قىلغان.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا مىقياسىدا 117 مىليون كىشى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى
«ۋول سترىت ژۇرنىلى»: «ترامپ ئىراننىڭ 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلدى»
ئىران: «رۇتتې ياۋروپانىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى رولىنى ئېتىراپ قىلدى» دېدى
ئىران ئەمدى ئامېرىكاغا ئىشەنمەيدۇ
بېلگىيەدىكى تۈرمىلەردە ئادەم زىچلىقى سەۋەبلىك 24 سائەتلىك ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلدى
نېتانياھۇ ب د ت دا نۇتىقىنى باشلىشى بىلەن تەڭ، تەخمىنەن 70 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «نىيۇسۋىك» (Newsweek) ژۇرنىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
ئىران: ئەنگىلىيە ئىشغالچى ۋە تېررورچى ھاكىمىيەتنى قۇرۇشتىكى رولى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى شەرت
ھىندونېزىيەدە 13-سېنتەبىر ئۆرۈلۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى 52 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى
ئەلىيېۋ: جەنۇبىي كاۋكازدا ئورنىتىلغان تىنچلىق سېلىنمىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەتلەرنى ياراتماقتا
ئامېرىكا : خىتاي تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار ئىراننىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى ئاشۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى: 3 كىشى ئۆلدى، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
قازاقىستاندا ھازار دېڭىزىدىكى مانېۋىردا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 14 كە يەتتى
رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى لۇت: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس: جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، يانمۇيان ياشاش بىزنىڭ تەقدىرىمىز