خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
نېتانياھۇنىڭ ئوغلى ئىراننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى تۈپەيلىدىن ميامىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى
ئىراننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىشى بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئوغلى ميامىدىن يوشۇرۇنچە چېكىندۈرۈلدى.
نېتانياھۇنىڭ ئوغلى ئىراننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى تۈپەيلىدىن ميامىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى
نېتانياھۇنىڭ ئوغلى ئىراننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى تۈپەيلىدىن ميامىدىن قايتۇرۇپ كېلىندى

نېتانياھۇ 24-ئاۋغۇست ئىسرائىلىيە مەركەزلىك 14-قانالغا بەرگەن باياناتىدا، ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئوغلى يائىر نېتانياھۇنىڭ، ئۆزىگە قارىتىلغان ئىران مەنبەلىك بىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانى بايقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ميامى شەھىرىدىن يوشۇرۇنچە چېكىندۈرۈلۈپ، جىددىي ھالدا ئىسرائىلىيەگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا مەركەزلىك Newsmax قانىلىنىڭ بىر ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى مەنبەسىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە ئىستخباراتىنىڭ يائىرنى نىشان قىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش پىلانىدىن 2025-يىلى دېكابىردا خەۋەردار بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەنبە، ئىرانلىق ئاگېنتلارنىڭ باش مىنىستىرنىڭ ئوغلى تۇرۇۋاتقان ئۆينى ۋە ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن ميامىدا ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، يائىرغا ميامىدىن دەرھال ئايرىلىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى ۋە شۇنىڭ بىلەن يائىرنىڭ كېرەكلىك بۇيۇملىرىنىمۇ ئالماي ئالدىراپ- تېنەپ ئىسرائىلىيەگە قايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نېتانياھۇ 24-ئاۋغۇست ئىسرائىلىيە مەركەزلىك 14-قانالغابەرگەن باياناتىدا، ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇم  نىشانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى