سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەنبەلەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى SANA خۋەر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ھەسەن شەيبانى رىياسەتچىلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە ھەيئىتى بىلەن ئىسرائىلىيە ھەيئىتى ئىيوردانىيەدە كۆرۈشكەن.
ئۇچرىشىش ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن سۈرىيە زېمىنىدا كۈچىيىپ كەتكەن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، شۇنداقلا سۈرىيە ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
سۈرىيە ئومۇمىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرىمۇ قاتناشقان سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە نىشانلىق زەربىلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي مېخانىزم ئورنىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۆھبەت مۇساپىسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك كېلىشىمگە ئاساس سالىدىغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكى، دۆلەت مەنپەئەتىگە ئاساسەن مىللىي ئارمىيەسىنى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تولۇق ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
سۈرىيەنىڭ بۇ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى چەكلەيدىغان ھەرقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى مېخانىزمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىنى ئۆز زېمىنى دەپ قارايدىغان مەيدانى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. گولاننىڭ ئاخىرقى سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىنىڭ ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنى 2024-يىلى 8-دېكابىر، يەنى سابىق ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى چېگرالارغا چېكىندۈرۈش، 1974-يىلدىكى «كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمى»نى قايتىدىن يولغا قويۇش ۋە تولۇق ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.




















