ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى كاناداغا قارىتىلغان باجلار ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى يېڭىلاپ، كانادا ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە دۆلەتنىڭ سودا سىياسەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم نىشانغا ئالدى.
ترامپ، Truth Social ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كانادا بىر ئىشتات بولمىغان تۇرۇغلۇق، ئىشتات بولۇشنىڭ بارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ!» دېدى. كانادانى ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا يۇقىرى باج قويۇش بىلەنمۇ ئەيىبلىگەن ترامپ، ئامېرىكىلىق دېھقانلارنىڭ يىللاردىن بېرى ئېغىر نىسبەتلەردىكى باجلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
باياناتلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان سودا كېلىشمەسلىكى داۋاملىشىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.
ئىلگىرى كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنى ئامېرىكانى كانادانى «بۆلۈش ۋە زىيان يەتكۈزۈش» مەقسىتىدە يېڭى باجلارنى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇ قەدەملەرنى «بىر ھېساب خاتاسى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.
سودا مۇزاكىرىلىرى توختاپ قالدى
8 - سېنتەبىردىن باشلاپ «بىرگە-بىر نىسبەتتە» ئۆچ ئېلىش باجلىرىنى يولغا قويۇشقا ۋەدە بەرگەن كارنى، ۋاشىنگتوننىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن كانادانىڭ سودا مۇزاكىرىلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك، ئوتتاۋانىڭ ۋاشىنگتون تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىنمايدىغان دەپ قارىشى ۋە سودا مۇزاكىرىلىرىنى توختىتىش قارارى ئېلىشىدىن كېيىن ئەندىشىلىك ھالغا كەلدى.
















