تىرامپ فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلادا رەھبەرلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ سۈرەتكە چۈشۈش جەريانىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقىمىزنى ئويلايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
ئۇرۇشنىڭ ۋەيران قىلغۇچ دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىپادىلىگەن تىرامپ، ئايلىق ئادەم ئۆلۈش سانىنىڭ 25 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەۋسىيە
تىرامپ رەقەملەرنىڭ تەپسىلاتىغا كىرمەستىن: «بۇنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىلەر؟ ھەر ئايدا... ئۆتكەن ئايدا 32 مىڭ كىشى ئۆلگەن ئىدى» دېدى.





















