ۋلادىمىر پۇتىن سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن ئىلگىرى، رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى دۇمانىڭ يېپىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كىرېمىل سارىيىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاب قىلدى.
(ئۇكرائىنا بىلەن ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان) يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتاي، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاندىن كېيىن دۇنيادا تۆتىنچى، ياۋروپادا بولسا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا تەكىتلىگەن پۇتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتىنمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پۇتىن ئۇرۇش مەيدانىدا «تېخىمۇ كۆپ جاسارەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش» نىڭ ئۆزىگە خاس خەۋپ-خەتەرلىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ بەدىلىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى تالاپەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«شۇڭا، بۇ يەردىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتىمىز. ئېھتىياتچان، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋە مۇقىم ھالەتتە، دۆلەت ئۈچۈن بېكىتىلگەن نىشانلارنى بويلاپ قەدەم تاشلاۋاتىمىز ھەم بۇ نىشانلارغا چوقۇم يېتىمىز.»
نۆۋەتتىكى مەزگىلنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن مۈشكۈل، تەقدىر بەلگىلەيدىغان بىر مەزگىل ئىكەنلىكىنى، بۇنى پەقەت پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئەزالىرى ۋە رايون رەھبەرلىرىلا ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئادەتتىكى رۇسىيە پۇقراسىنىڭمۇ چۈشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پۇتىن: «بۈيۈك بىر كۈرەش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز» دېدى.
پۇتىن رۇسىيەنىڭ 2014-يىلىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ئەمما (ئۇرۇش باشلانغان) 2022-يىلىدىن بۇيان غەرب رۇسىيەگە ئۆچمەنلىك قىلىش ماشىنىسىنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئىشقا سېلىپ، دۇنيا رېكورتى ياراتتى» دېدى.
ياۋروپانىڭ «ئاتالمىش ئېمبارگولىرىنىڭ» كارغا كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، بۇ ئېمبارگولارنىڭ جاۋابكارلىرى ۋە ئۇنى باشلىغانلارنىڭ ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىگە زىيان سالغانلىقىنى ئېيتتى.
كۈرەش ۋە كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدا يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىنىڭ سىماسىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان پۇتىن، رۇسىيە خەلقىنىڭ «تەقدىرىنىڭ» خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، «بۇنىڭ مۇبالىغە ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە خەلقىنىڭ ھەر دائىم تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك تاشقى بېسىملارغا ۋە تارىخىي سىناقلارغا بىرلىك ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ھەمىشە مۇشۇنداق بولۇپ كەلگەن، بۈگۈنمۇ دەل مۇشۇ ئەھۋال يۈز بەرمەكتە» دېدى.
«(ئۇكرائىناغا قارىتىلغان) ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتكە» قاتناشقانلارنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، پۈتكۈل خەلق ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن: «نىشانلىرىمىزغا يېتىمىز ۋە ھەممىمىز بىرلىكتە غەلىبە ئۈچۈن، رۇسىيە ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىمىز» دېدى.





















